جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ 6 تۈرلۈك پايدىسى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق | ۋاقتى: 2016/09/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: يۈكسەل | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

جىنسىي ھەۋەس ئىنسانلارنىڭ بىر خىل تەبىئىيلىكنىڭ ئىپتىدائىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئادەملەرنىڭ پسىخىكا ۋە روھىي تەلىپى بولۇپ، ئەۋلاد قالدۇرۇش ۋە ھۇزۇرلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جىنىس جانلىقلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، ئەمما ئادەممۇ يۇقىرى ساپالىق ئىجتىمائىي ھايۋان، توي قىلىش، ھامىلدار بولۇش، قورساق كۆتۈرۈش، تۇغۇش ۋە جىنسنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جىنسىي مۇھەببەتنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىققا بولغان ياردىمىنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:

جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ 6 تۈرلۈك پايدىسى

1. جىسمانىي، روھىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ: بەزى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەيدىغانلار تاماكا چېكىپ، ھاراقنى كۆپ ئىچىپ، روھى چۈشكۈنلىشىش، قەلبىدە مەنىسىزلىك ھېس قىلىدۇ، جنسىي مۇھەببەت ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، روھىي جەھەتتىن قانائەتلەندۈرۈپ، تۇرمۇشنى جانلاندۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
 
2. ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىدىن خالاس قىلىدۇ: جىنسىي ھەۋەسنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىغاندا ياكى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا، ئوڭايلا ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا شېرىن جىنسىي مۇھەببەت بولۇپ مۇڭدىشىپ ياتقاندا، ئىككى تەرەپ شېرىن ئۇخلاپ، ياخشى چۈش كۆرىدۇ.
 
3. كېسەل ئازابىنى يەڭگىللىتىدۇ: ئەگەر سىز ئاشقازان، دۈمبە نېرۋىلىرى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، ئاسپىرىننىڭ ئەلۋەتتە ئۈنۈمى بولىدۇ، لېكىن جىنسي مۇھەببەتنىڭ روھلاندۇرۇشى مېڭىگە تەسىر قىلىپ، بىر خىل(ئەندوفىن) دېگەن خىمىيىۋى ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىلىپ، نېرۋا ئاغرىشقا ئوخشاشلا ئۈنۈمى بولۇپ، يەنە ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدۇ.
 
4. تېرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق: دانىخورەكلەر كىشىنى ئىنتايىن بىزار قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا يېمەك-ئىچمەكتە شېكەر، ماي، يۇقىرى ئاقسىللىق ئوزۇقلۇقلارنى تەڭشەشتىن باشقا، جىنسىي مۇھەببەتمۇ بولىدىغان تەدبىرلەرنىڭ بىرسى. جىنسىي روھلىنىش قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ.
 
5. جىنسىي مۇھەببەت جىددىيلىكنى بوشاشتۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ: كەيپىياتنى كونترول قىلالمىغاندا، جىنسىي مۇھەببەت جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ؛ روھىي بېسىم ئادەمنى جىددىيلەشتۈرگەندە جىنسىي مۇھەببەتنىڭ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە بوشاشتۇرۇش رولى بولىدۇ.
 
6. جىنسىي مۇھەببەت ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتىدۇ. شۇڭا، ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي مۇھەببىتى ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ. نورمال، قانۇنىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان جىنسىي تۇرمۇش جىسمانىي روھىي ساغلاملىققا كۆپ ياردەم بېرىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر