ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا ئاقىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا ئاقىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ؟

بۇ مەسىلىگە قارىتا كىشىلەرنىڭ دەرھال ئېسىدىن كېچىدىغىنى مۇنداق 3 ئىش بولسا كېرەك:

1. ئۇزاققىچە زادى قانچىلىك ۋاقىت؟

2. مەنمۇ شۇ قاتاردا بارمۇ يوق؟

3. ئاقىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ؟

 

بىرىنچى سوئال ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئەلداۋا ساغلاملىق تورى باشقۇرۇشىدىكى ۋىسال ئۈندىدار سالونىدا ئىلگىرى كۆپ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان ئىدى (ۋىسال ئۈندىدار سالونىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ). شۇڭا، بۇ قېتىم ئەلداۋا تەھرىرى پەقەت ئەڭ ئاخىرىقى مەسىلە توغرىسىدا ئاز-تولا توختىلىپ ئۆتىدۇ. 

 

بىرىنچى، ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ئاقىۋەت:

1. جىنسىي يول تارىيىپ كېتەرمۇ؟

بەزىلەر جىنسىي مۇناسىۋەت كۆپ بولۇپ كەتسە جىنسىي يول كەڭرىپ كېتىدۇ، بىر مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغاندا جىنسىي يول تارىيىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئىلگىرى يوللىغان ماقالىلەردە كۆپ قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ جىنسىي يولنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى، جىنسىي يولنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ھەقىقى سەۋەبنىڭ ياش ۋە ھامىلىدارلىق ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغاندا جىنسىي يول تارىيىدۇ دەپ ئىشىنىدىغانلاردىن سوراپ باقساق، بىر ئۆمۈر جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىسا، جىنسىي يولمۇ بىر ئۆمۈر يەنىلا قەتئىي بوشاشماي تۇرامدۇ؟

ياش، ساغلام خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا، جىنسىي يولدا ئالاھىدە روشەن ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويغان ئاياللار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا، جىنسىي يول تېخىمۇ تېز يىگىلەپ كېتىدۇ.

 

2. ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغان بولۇپ قالامدۇ؟

ھۇزۇرلۇق جىنسىي تۇرمۇش ۋە جىنسىي يۇقىرى پەللە بەدەندىكى ئاغرىقلارنى بوشاشتۇرۇش تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىغاندا، ئانىلىق ھورمۇننىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يېتىپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشىنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.

3. ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىپ، چىرايىغا داغ-سەپكۈن چۈشەمدۇ؟

ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا، ئاياللاردىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يېتىپ، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىپ، تېرىسى خۇنۈكلىشىپ، داغ-سەپكۈن چۈشۈشكە باشلايدۇ.

4. جىنسىي يول ياللۇغىغا ئوڭاي گىرىپتار بولامدۇ؟

جىنسىي يولنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تازىلاش رولى بار بولۇپ، جىنسىي يولدىن بىر خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىپ، جىنسىي يولدىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈپ تازىلايدۇ. ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا، باكتېرىيەلەر جىنسىي يولدا زور مىقداردا كۆپىيىپ، ئوڭايلا جىنسىي يول ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

5. نېرۋىسىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك چاغلاردا ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپ بولىدۇ، ئەمما ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا، ھورمۇن بەدەن ئىچىدە يىغىلىپ، مەلۇم چەككە يەتكەندە نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ-دە، كۆپ تەرلەيدىغان، ئۇيقۇسىزلىنىدىغان، دائىم ئىچى تىتىلدايدىغان، تېرىككەك بولۇپ قالىدۇ. 

 

ئىككىنچى، ئەرلەردە كۆرۈلىدىغان ئاقىۋەت:

1. مەنىي سۇيۇقلۇقى قېتىپ قالامدۇ؟

ئەگەر ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا، مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت 2 خىللا بولىدۇ. بىرى ئۆزى شەيتان ئاتلاش ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ، يەنە بېرى قېرىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەرلەر ئىسپېرمىسىنىڭ %90 ى سۇ تۇرسا، ئۇ قانداقمۇ قېتىپ قالسۇن؟

2. زەكەر تىكلىنەلمەس بولۇپ قالامدۇ؟

ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا زەكەرنىڭ قايىم بولۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، زەكەر تىكلىنەلمەس بولۇپ قېلىش خەتىرى ئارتىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا مېدىتسىنا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى سانى ئاز ئەرلەردە زەكەر قايىم بولۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا 2 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.

3. پىچاق ئىشلەتمىگەنسېرى گاللىشىپ كېتەمدۇ؟

كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى بىلەن زەكەر قايىم بولۇش ئىقتىدارىنىڭ ئۆز-ئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. دېمەك، ھەقىقەتەنمۇ پىچاقنى ئىشلەتمىگەنسېرى، گاللىشىپ دات بېسىپ كېتىدۇ.

4. مەزى بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

رىتىملىق جىنسىي تۇرمۇش ۋە مەنىي سۇيۇقلۇقىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش يېڭى ھۈجەيرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزى بېزىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ياللۇغلىنىش ۋە باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئامېرىكا بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتى 32 مىڭ نەپەر ئەر ئۈستىدىن ئۇدا 18 يىل ئىشلىگەن بىر تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە، ھەر ئايدىكى مەنىينى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش قېتىم سانى 21 قېتىمدىن چوڭ بولغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 7-4 قېتىم بولغان ئەرلەرگە قارىغاندا %22-%19 تۆۋەن بولىدىكەن.

5. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتەمدۇ؟

تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، رىتىملىق جىنسىي تۇرمۇش ئەرلەرنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. ئەكسىچە، ئۇزاققىچە جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا، ئەرلەرنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئۆمرىمۇ قىسقىراپ كېتىدۇ!

ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 10 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدە، جىنسىي يۇقىرى پەللىنىڭ قېتىم سانى بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئۆز-ئارا تەتۈر تاناسىپ مۇناسىۋەتتە ئىكەن. يەنى جىنسىي يۇقىرى پەللىگە ئېرىشكەن قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا يۈرەك قان تومۇر كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن. ھەپتىدە 2 قېتىم جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئايدا 1 قېتىم يۇقىرى پەللىگە يېتەلەيدىغان ئادەملەرنىڭ %50 گە توغرا كېلىدىكەن

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر