جىنسىيەتتىكى ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﺗﺎق ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺶ

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎۋۋال ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪزالارﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘش، ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯘﺷﺒﯘي ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻳﺎرﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻖ، لاﺗﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚرۇﻧﯜﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ، ﺳﺎﻟﻤﺎق ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﺶ، ﻳﯧﻘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺳﯚزﻟﻪش، ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەش، ﺗﯘﺗﯘش، ﺳﯩلاش، ﻗﯩﭽﯩﻘلاش، ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﺷﺘﻪك ﺋﯚزﺋﺎرا رﯨﻐﺒﻪﺗﻨﻰ، ﮬﻪۋەس - ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﻨﻰ، ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪم ﺋﯩﺰﮬﺎر ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﻮرﺗﺎق ﻟﻪززەت ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺧﯘﺷﭙﯘراق ﺋﻪر - ﺧﻮﺗﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﭘﯘراش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭙلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻰ ۋە ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻤﺴﯩﺰ ﮬﯩﺪﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﺮﮔﻪﻧﺪۈرۈپ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘر. ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯚز ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘلاﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﻣﻪﭘﺘﯘن ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﮬﻪۋەﺳﻨﻰ ﻗﻮزﻏﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﻳﺎردەﻣﭽﯩﺪۇر. ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘپ، ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ۋە ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻤﯩﺰدا ﺑﻪدﺑﯘي ﭘﯘراﻗﻨﯩﯔ ﮬﯩﺪﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻟﻪۋ ۋە ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺷﯧﺮﯨﻨﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪرﺗﯩﺪۇر. ﭼﯩﺮاﻳﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﺗﯘش، ﻗﻮﻟﺘﯘق ﭘﯘراﺷﻨﯩﯔ ۋە ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸلار ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻖ لاﻳﺎﻗﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﺪۇر. 

ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ، ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻪﻛﺮەك ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﻲ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ ۋە ﻗﺎﻳﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘش ) ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﺶ ( ﻧﯩﯔ ﺋﯘزۇﻧﺮاق داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺋﺎﻳﺎل ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﺸﻰ ۋە ﻗﯧﻨﯩﺶ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻤﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ زۆرۈر ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﯩﺪۇر. ﻣﯘﺑﺎدا ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺋﻪرﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك روﮬﯩﻲ ﺑﻪدەﻟﺴﯩﺰ، ﻣﯘﻗﻪددﯨﻤﯩﺴﯩﺰ، ﺟﻪرﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاپ-ﺳﺎﻟﺪﯨﺮاپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻗﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪۋﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪۇرۇش ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﻪﺧلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ۋە ﻧﺎﻣﯘۋاﭘﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯘر. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﻪر ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎل ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪۇ. ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪۋﯨﺴﻰ) ﺷﻪﮬﯟﯨﺘﻰ( ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻛﯚپ ﮬﺎﻟلاردا ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻜﻪ ﮬﻪدەﭘلا ﺗﻪﻳﻴﺎر، ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﭽﺎن ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﻪر ﻛﯩﺸﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﭘلا ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻠﯩﺴﺎ، ﺋﺎﻳﺎل ﺗﻪرەﭘﻨﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻜﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎس ﻗﯩﻠﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ. ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ، ﺋﺎﻳﺎل ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪۋﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮزﻏﺎﺗﻤﺎي ﺗﯘرۇﭘلا ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﭼﺎﻏلاردا ﺋﯘلارﻧﻰ ﻧﻪﭘﺮەﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﻣﯧﮭﯩﺮﯨﺒﺎﻧﻪ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪر ﻛﯚﭘﺮەك ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ، ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﻲ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻰ ۋە ﻗﯘﻳﯘﻟﯘﺷﯩﻐﺎ، ﺑﻪدەﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜچ-ﻗﯘۋۋەﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ، ﺋﺎﻳﺎل ﺗﻪرەپ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ۋە ﺋﺎﻣﺮاﻗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪم ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ، ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﺎلاﻗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﯩﻖ، ﻣﯘلاﻳﯩﻢ، ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﻠﯘق رەۋﯨﺸﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﮬﻪﻣﺪە ﺋﻪر-ﺧﯘﺗﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏلام ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯚپ ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.
- قەيسەر مەمتىمىن، بۈمەريەم مەمتىمىننىڭ «جىنسىي ئادەتلەرنىڭ ساغلاملىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» دېگەن ماقالىسىدىن ئۈزۈندە. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىمىي ژۇرنىلى 2017-يىللىق 2 -سانىدىن ئېلىندى.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر