ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻮﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

     ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﺪﻩ، ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﻮﺭﻟﯘﻕ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺧﻮﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻮﺭﻟﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ:

    1. ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ. ﺑﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﺎﻟﺘﯩﺴﺘﻪﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻛﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﭘﻪﺭﯞﺍﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.

    2. ﺋﯩﺶ-ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺭﯨﮋﯨﺴﺴﯘﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺋﯘ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﺗﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﺳﺴﺎ، ﻳﯧﮕﻪﻥ-ﺋﯩﭽﻜﯩﻨﯩﯖﯩﺰﮔﻪ، ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺧﻮﺭﻟﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﺪﯗﺭ.

    3. ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ. ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﯖﻨﯩﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﺰ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭼﺎﺭﭼﺎﻳﺴﯩﺰ.

    4. ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ. ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻮﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﻧﻔﯘﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺩﯦﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    5. ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﭖ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ.«ﺩﯙﺕ»، «ﭘﻮﺭ»، «ﺳﻪﺕ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮪﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﺪﯗﺭ.

    6. ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ. ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻮﺭﻻﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    7. ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﮪﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﮪﻪﻳﯟﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻮﺭﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗﺭ.

    8. ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ. ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ. ﮪﯩﺴﺴﻴﺎﺕ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻮﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ.

    9. ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﻳﯘﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﻮﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ «ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﻼ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر