ئەر-ئاياللىق «جىنسىي سىگنال»نى پەرق ئېتىش

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

مەنبە :بۇغدا دوختۇر خانىسى

  جىنسىي سىگنال يات جىنىسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە مەلۇم بىرەيلەننىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ جىنسىي خاھىشى ياكى تەلىپىنى ئىپادىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سۆزدىكى مەلۇم دارتمىلاش بولۇشى مۇمكىن، بەزىبىر بەدەن ھەرىكىتى ياكى قول ئىشارىسى بولۇشمۇ مۇمكىن، لېكىن ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى يەنىلا چىراي ئىپادىسى، روھىي قىياپەت ۋە كەيپىياتتۇر.

 

  كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىدە، جۈملىدىن ئەر-خوتۇنلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، ھامان بىرەيلەن ئاۋۋال جىنسىي سىگنال بېرىدۇ. ئەگەر جورىسى دەل جايىدا چۈشەنسە ۋە قوبۇل قىلسا ھەمدە مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرسا، ئىككەيلەن ئاندىن جىنسىي پائالىيەتكە كىرىشەلىشى، جىنسىي پائالىيەت شۇندىلا تەبىئىي، ئەركىن-ئازادە، خۇشال-خۇرام ۋە كۆڭۈللۈك بولۇشى مۇمكىن.

  توي قىلىشمىغان قىز-يىگتلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، بەزى يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز بىلەن زورمۇ زور جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ. غەرەزلىك ھالدا شۇنداق قىلغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچىلىرى قىزنىڭ جىنسىي سىگنالىنى پەرقلەندۈرەلمەي، خاتا ھالدا لايىقىنى راستىنلا خالايدىكەن دەپ قارىغانلىقتىن بولغان، نەتىجىدە لايىقىنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا ۋە ئىككەيلەننىڭ مۇھەببەت مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىمۇ بولىدۇ. بەزى ئەرلەرنىڭ توي قىلغىنىغا نەچچە 10 يىل بولغان بولسىمۇ، خوتۇنىنىڭ جىنسىي سىگنالىنىڭ قانۇنىيىتىنى يەكۈنلەپ چىقالمايلا قالماستىن، ھەتتا خوتۇنىنىڭ جىنسىي سىگنالىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمايدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، ئەر-خوتۇننىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىدىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولامدۇ؟

 

ئەر-ئايال باراۋەر، ئەر-خوتۇن باراۋەر دېگەن قۇرۇق شوئار ئەمەس، بۇنى چوقۇم ئالدى بىلەن لايىقى (جورىسىنىڭ) جىنسىي سىگنالىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، مۇنداق بىر نەچچە پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

1. جىنسىي سىگنالنى ئەينى ۋاقىتتىكى، شۇ جايدىكى مەنزىرە، مۇھىت ۋە كەيپىيات بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك، يۈزە ھادىسىگە ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، نۇرغۇن ئايال باشقا ئىشتىن ئىلھام ئالغاندا، جىنسىي سىگنالغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىنكاس قايتۇرىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە جىنسىي پائالىيەتنىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە تەييارلىقمۇ كۆرمىگەن بولىدۇ.

2. لايىقى (جورىسى)نىڭ جىنسىي سىگنالىنىڭ كونكرېت نېمىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى بەزى بەلگىلىك ئەھۋالدا پەقەت غەمخورلۇق، كۆيۈمچانلىق، ئامراقلىق ۋە مۇلايىملىقنى تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ سىگنالى جىنسىي تۇرمۇشنى كۆرسەتكەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي تەلەپ قىلىدىغىنى بىۋاسىتە جىنسىي ئالاقە ئەمەس.

3. لايىقى (جورىسى)نىڭ جىنسىي سىگنالىنى كۆپتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئاياللار دائىم ئۆز-ئۆزىدىن مۇداپىئە كۆرۈش پسىخىكىسىدا تۇرۇپ، ئەرلەرنىڭ جىنسىي سىگنالىغا يۈكسەك دەرىجىدە سەزگۈر كېلىدۇ. بۇ ئەسلىدە خاتا ئەمەس، لېكىن، بىۋاسىتە سېزىمدىن كۆپتۈرۈشكە ئۆتۈپ كەتكەندە، «دۇنيادا دۇرۇس ئەر يوق» دەيدىغان خاتا تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ ئۆزىنىڭ پسىخىكىسىغا نىكاھ ئىشىغا پايدىسىز. ئەرلەر بولسا جورىسىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئىندەككە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ ياكى خاتا ھالدا مېنىڭ جىنسىي تەلىپىم بولغان ئىكەن، ئۇنىڭمۇ بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ ۋە ياكى جىنسىي تەلىپىدە «چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە» دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئەقەللىيسى ھازىرقى زامان ئېڭىغا ئىگە ئەر كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تولۇق ئىشەنچ بولمىغاندا، قىز (ئايال) نىڭ ئىپادىسىنى جىنسىي سىگنال دەپ چۈشەنمەسلىكى كېرەك.

4. ئۆزى جىنسىي سىگنال بەرگەندە، لايىقى (جورىسى)نىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ ۋە ئىنكاس دەرىجىسىنىڭ ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىمايدىغانلىقىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئېنىقلىۋېلىشى كېرەك. ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدا نىكاھ كاپالىتى بولغاچقا، كۆپىنچە ھالدا بۇنى ئېنىقلاشقا سەل قارىلىپ، نەتىجىدە بىر تەرەپ زورىغا قوبۇل قىلىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

5. خەلق ئىچىدىكى ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي سىگنال قانۇنىيىتى ھەققىدىكى خاتا يەكۈنلەرگە ئىشەنمەسلىك، بولۇپمۇ تەجرىبىلىك ئىشقىۋازلارنىڭ ئۇرغان لاپلىرىغا تېخىمۇ ئىشەنمەسلىك كېرەك. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا، پەقەت ئىككەيلەننىڭ ئورتاق ئىزدىنىشى ئارقىلىقلا قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

 

  بەزى ئەر-خوتۇنلار يۇقىرىقىلارنى بەك چىگىش، مۇرەككەپ ياكى ئانچە رومانتىك ئانچە ئەمەلىي ئەمەس دەپ ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، يات جىنىسلىق بىلەن چوڭقۇر باردى-كەلدى قىلىشىپ باققان ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زۆرۈر بولۇپلا قالماي يەنە مۇھىم ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقالايدۇ. جىنسىي جەھەتتىكى نۇرغۇن زىددىيەت ۋە خاپىلىقلار ئەمەلىيەتتە ئاۋۋال جىنسىي سىگنالدىن خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن باشلىنىدۇ. بىز جىنسىي جەھەتتىكى ماسلىشىش، كۆڭۈللۈك بولۇشنى «ئەتە ئۈچۈن دوغا تىكىۋەتمەسلىك»ىمىز كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر