بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/10/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :



جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ئانتىبىيوتىك دورا ئىچسە جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
بەزىلەر: جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ئانتىبىيوتىك دورا ئىچسە ياكى بەلگىلىك مۇددەتتە ئانتىبىيوتىك دورا ئىشلەتسە ( بەزىلەر ھەر ئايدا بىر قېتىم پېنسىلىن ئوكۇلى سالدۇرىدۇ، يەنە بەزىلەر قەرەللىك ھالدا ئېرىترومىتسىن ئىچىدۇ ياكى ئانتىبىيوتىك مەلھەملەرنى سىرتتىن ئىشلىتىدۇ ) جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش خاتا، ھەتتا زىيانلىق.
بىرىنچىدىن، جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ. ئانتىبىيوتىكلارنىڭ بارلىق جىنسىي كېسەللىكلەرگە ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. ۋىرۇسلار كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي كېسەللىكلەر ( جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى ۋە ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ) گە ئانتىبىيوتىك دورا ئىشلەتسە ھەرگىز ئۈنۈمى بولمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، گەرچە باكتېرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي كېسەللىكلەرگە ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ ئۈنۈمى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى قايسى خىل ئانتىبىيوتىكنى قانچىلىك مىقداردا ئىشلىتىش ھەققىدە ئېنىق ئاساس يوق. ئۇنى خالىغانچە ئىشلەتكەندە باكتېرىيەنى يوقىتالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە باكتېرىيەنىڭ ئانتىبىيوتىك دورىغا بولغان چىدامچانلىقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېيىنكى داۋالاشقا تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ئانتىبىيوتىك دورا ئىشلەتكەندە، مۇبادا جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىپ قالسا، ئىشلەتكەن ئانتىبىيوتىك دورا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوشۇرۇپ قېلىپ، دىياگنوز قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىپ داۋالىنىشنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ.

جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن جىنسىي يولنى يۇغاندا جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن جىنسىي يولنى يۇغاندا ياكى قەرەللىك ھالدا جىنسىي يولنى يۇغاندا جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇ بەزى يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، نورمال جىنسىي يولنىڭ مۇھىتى كىسلاتالىق بولۇپ، سىرتتىن كىرگەن باكتېرىيەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جىنسىي يولنى يۇغاندا بۇ خىل مۇھىت بۇزۇلۇپ، جىنسىي يولنىڭ سىرتتىن كىرگەن باكتېرىيەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ، ئاسانلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە جىنسىي ئالاقە جەريانىدا كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيەلەر ئاللىقاچان شىللىق پەردىگە كىرىپ بولغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا جىنسىي يولنى يۇغاننىڭمۇ پايدىسى يوق.

جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەر
1. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق يۇقۇم مەنبەسى ئالامىتى بار بىمارلاردۇر. چۈنكى، بىمارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا ھەرىكەتچان كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئاجراتما ماددىلىرى ۋە چىقىرىندىلىرىدا زور مىقداردا كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ( جۈملىدىن يوشۇرۇن دەۋردىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر، كېسەللىككە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن كېسەللىك قوزغاتقۇچىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر، كېسەللىك قوزغاتقۇچىنى ئېلىپ يۈرگۈچى كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان بىمارلار ) مۇ ئوخشاشلا جىنسىي كېسەللىكنى تارقىتىدۇ.
2. گۇمانلىق كېسەللەر ۋە جىنسىي كېسەل بىمارلىرى رەسمىي داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇپ داۋالىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا جىنسىي كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ، ئەگەشمە كېسەللىك ۋە كېسەللىك ئاسارەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلانغىلى ھەمدە كېسەللىكنىڭ ئەتراپىدىكى ساغلام كىشىلەرگە يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3. بىر ئەر- بىر خوتۇنلۇق ئەخلاق مىزانىغا ئەمەل قىلىش. ناپاك جىنسىي قىلمىشلاردىن، بولۇپمۇ خەتىرى يۇقىرى قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر توپى ( پاھىشىلەر ) بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ناچار جىنسىي مۇناسىۋەت ئادىتى ئوڭايلا جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنشقا ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، توغرا ئۈچەي ئېپىتېلىيەسى جىنسىي يول ئېپىتېلىيەسىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇمران بولغانلىقتىن، مەقئەتكە جىنسىي ئالاقە قىلىش جىنسىي يولغا ئالاقە قىلغانغا قارىغاندا شىللىق پەردىلەرنى تېخىمۇ ئاسان زەخىملەندۈرۈپ،  جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
4. جىنسىي كېسەل بىمارلىرىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچىدىن، جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشقا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. بەزى كېسەللىكلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، ناتوغرا تەشۋىقاتلارغا ئىشىنىپ، جىنسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش قىيىن، ھەتتا ساقايتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش خاتا. بۇ خىل قاراشتىن كېلىپ چىققان پىسخىكىلىق يۈكنى چۆرۈپ تاشلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تېببىي ئىلىمگە، ئىلىم- پەنگە ئىشىنىش كېرەك.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر