جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خاتا قاراش ۋە ئۇسۇللار

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/10/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئېلزاد ئابدۇلھەق | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جىنسىي ھەمراھىنى ئازايتىپ، ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندون ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم. گاندون جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

 تۆۋەندىكى خاتا قاراش ۋە ئۇسۇللار جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسىز:
1)  جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى–كەينىدە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا جىنسىي يولىنى يۇيۇش. بۇ خىل ئۇسۇل كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشى بولغان جىنسىي تازىلىق شەكلى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن كىشىلەر جىنسىي يولىدىكى باكتېرىيىلەرنى، مىكروبلارنى يۇيۇۋېتەلمەيدۇ ياكى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جىنسىي كېسەل، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. مۇشۇنداق بولۇپلا قالماستىن، جىنسىي يولىنى يۇيغاندا جىنسىي يولدىكى باكتېرىيە مىكروبلارنى ئېقىتىپ، بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرگۈزۈۋېتىپ، كېيىنكىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى جىنسىي يولنىڭ ئىچىنى يۇيۇش، ئادەتتىكى سىرتقى جىنسىي ئەزانى ئېرتىپ يۇيۇش ئەمەس).
2) خېلى كۆپ قىسىم ئاياللار خاتا ھالدا كېسەل بولۇش–بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۆز مەيلىچە قەرەللىك ھالدا باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش دورىسىنى يېيىش ياكى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قىلغاندا باكتېرىيە، مىكروبلارنىڭ دورىغا قارشىلىقىنى پەيدا قىلىپ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
3) قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزا سىرتىدىن قارىغاندا پاكىز ئىكەن، دەپ يېنىكلىك قىلماسلىق كېرەك.  چۈنكى نۇرغۇن جىنسىي كېسەللەرنىڭ ئالامىتى بولمايدۇ ياكى يېنىك بولىدۇ، ئەمما كېسەلنى باشقىلارغا يۇقتۇرالايدۇ.
4) ئىسپېرمىنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ئارقىلىق جىنسىي كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ.  چۈنكى جىنسىي ئەزا  تېگىشكەنىكەن، ھامان جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولىدۇ.
5) ئىسپېرما  چىقىرىشنىڭ ئالدىدا زەكەرگە گاندون كىيدۈرۈش ئارقىلىق جىنسىي كېسەللەر ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى،  ئىسپېرما چىقىشتىن بۇرۇنمۇ جىنسىي يوللاردىن ئاجرالما ماددىلار ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئاجرالمىلارنىڭ ئىچىدە بەلگىلىك مىقداردا باكتېرىيە ياكى مىكروبلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىمدا جىنسىي مۇناسىۋەت باشلىغاندىلا گاندون كىيدۈرۈۋېلىش كېرەك.  

 

گاندوننى توغرا ئىشلىتىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر