ئەرلەرنىڭ ئىچكى جىنسىي ئەزالىرى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەرلىك ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى | ۋاقتى: 2011/10/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەركىن ھاشىم | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئۇرۇقدان
ئۇرۇقدان ئەرلىك كۆپىيىش سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەرلىك ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم رولى بار. جىنسىي بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن (تەخمىنەن 16 ياشلاردىن كېيىن ) ئۇرۇقدان تاكى قېرىغىچە توختىماي ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىپ تۇرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇرۇق قوشۇمچە ئۇرۇقداندا ساقلىنىدۇ. ئۇرۇق ئۇرۇق ئۇزىتىش نەيچىسى، ئۇرۇق چىقىرىش نەيچىسى قاتارلىقلاردىن ئۆتۈپ، سۈيدۈك يولىغا كىرىدۇ ۋە ئۇيەردە ئۇرۇق خالتىسى بېزى بىلەن مەزى بېزىنىڭ سۇيۇقلۇقىغا ئارىلىشىپ مەنىي شەكىللىنىدۇ ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئىسپېرما چىقارمىغاندا، ئۇرۇق پارچىلىنىپ قوشۇمچە ئۇرۇقدان نەيچىسى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى تەرىپىدىن شۈمۈرۈلىدۇ.


ئۇرۇقدان ئۇرۇقدان خالتىسى ئىچىگە ئوڭ-سولدا بىردىن جايلاشقان بولۇپ، سەل ياپىلاقراق كەلگەن، تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكى –تاشقى يۈزى، ئالدى-كەينى قىرى، ئاستى-ئۈستى ئۇچى بولىدۇ. ئۇرۇقدان ئۇرۇقدان پەردىسى ئارقىلىق نۇرغۇن بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن. ھەر بىر بۆلەك ئىچىدە ئىككىدىن-ئۈچكىچە ئىنچىكە نەيچىلەر بولىدۇ. ئىنچىكە نەيچە دىۋارى ئوخشىمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئەرلىك كۆپىيىش ھۈجەيرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرەققىيات باسقۇچى ئۇرۇقتىن ئىبارەت. ئىنچىكە نەيچىلەر ئارىلىقىدا ئارىلىق ماددىلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئارىسىغا نۇرغۇن ئارىلىق ھۈجەيرىلىرى جايلاشقان بولىدۇ. ئارىلىق ھۈجەيرىلىرى ئەرلىك ھورمونىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان مەنبەدۇر. ئەرلىك ھورمون بولسا، ئەرلىك جىنسىي ئەزالار (بىرلەمچى جىنسىي بەلگىلەر) ۋە باشقا ئەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى، مەسىلەن: ساقال-بۇرۇت، سۆڭەك، مۇسكۇل، بۇغدىيەك، ئاۋاز (ئىككىلەمچى جىنسىي بەلگىلەر) قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىش ۋە ساقلىنىشدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر