ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

فىلىم نامى: ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى | ئۇزۇنلۇقى: 15 مىنۇت مىنۇت | ئاۋاتلىقى: قېتىم
  • تەپسىلاتى

    ئەلداۋا ساغلاملىق تورى، نۇر تورى، چىمبۇلاق تورى بىرلەشمە خەۋىرى:
  «4-نۆۋەتلىك جۇڭيى-غەرب-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە يىپەك يولى خەلقئارالىق تېبابەت ئىتتىپاقى مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى» 10-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

 

 

مەزكۇر يىغىن ھەققىدە ئىشلەنگەن زىيارەت فىلىمى

    دىيارىمىزدا ئېچىلغان بۇ خەلقئارالىق كاتتا يىغىننى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى، رۇسىيە Saint Petersburg Pavlov تېببىي ئۇنىۋېرسىېتى، رۇسىيە ئۇل تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنى،  ش ئۇ ئا ر پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى باشقا ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى ئىكەن.


 

يىغىنغا رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئىران، تۈركىيە قاتارلىق يىپەك يولى خەلقئارالىق تېبابەت ئىتتىپاقىغا ئەزا 14 دۆلەتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىس-ئالىملار ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، دىيارىمىز تېببىي پەن ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار ۋە شۇنداقلا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.


    سۈرەت: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا

    ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر رىياسەتچىلىك قىلدى. ئارقىدىن، ئۇنىۋېرسىتېت پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ شۈيوڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى غەرب تېبابىتى، جۇڭيى تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە قازاق تېبابىتى قاتارلىقلارنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى تېبابەت بىلەن ئەنئەنىۋىي تېبابەتنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ، يېقىندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت-مائارىپ مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىدىكى پەن-تەتقىقات، ئوقۇتۇش، داۋالاش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان تېببىي مائارىپ ۋە سەھىيە-داۋالاش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت ياراتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

 


    سۈرەت: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جۇ شۈيوڭ تەبرىك سۆزى قىلماقتا

    مۇراسىمدا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى گوجېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى يۈ خۇەن، رۇسىيە تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، رۇسىيە ئۇل تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى GenrikhSofronov ، رۇسىيە تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، رۇسىيە Saint Petersburg Pavlov تېببىي ئۇنىۋېرسىېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.
 

    سۈرەت: رۇسىيە ئۇل تېببىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى GenrikhSofronov تەبرىكنامە تەقدىم قىلماقتا.
  


    سۈرەت: رۇسىيە Saint Petersburg Pavlov تېببىي ئۇنىۋېرسىېتىنىڭ مۇدىرى تەبرىك سوۋغىسى تەقدىم قىلماقتا.


    سۈرەت: ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك قىزى، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ئادالەت قاسىمى مۇنبەردە

   
    سۈرەت: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلماقتا

    سۈرەت: ئۆزبېكىستان خەلق تېبابىتى ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەدجان ھەمرايوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلماقتا


    سۈرەت: شىنجاڭ لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خەبەر خالىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلماقتا


    سۈرەت: سولدىن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى  ئەكرەم ھاشىم، لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خەبەر خالىق، لوقمان دوختۇرخانىسى دوختۇرخانا باشلىقى ياردەمچىسى ئابلەت ئىمىن، ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ مەسئۇلى ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل.

    مەزكۇر يىغىن يىپەك يولى زامانىۋى ۋە ئەنئەنىۋى تېببىي پەن ساھەسىدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر جەم بولۇپ، جۇڭيى-غەرب-ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى توغرىسىدا قۇرغان كاتتا ئەنجۈمەن بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئەنئەنىۋىي تېبابەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىمىزدىكى مۇنداق بىر كاتتا ئەنجۈمەن نوپۇز ۋە تەسىرىنىڭ يۇقىرىلىقى، كەمدىن-كەم ئېچىلىشى بىلەن تولىمۇ قەدىرلىكتۇر. شۇڭا، تورداشلار، قېرىنداشلارنىڭ بۇ خەۋەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى سورايمىز!

    ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
    نۇر تورى
    چىمبۇلاق تورى

    2016-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى


    بۇ ئۇچۇرنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە كەڭ تارقىتىپ قويايلى، باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ خەۋەر تاپسۇن!!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر
  • بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىبىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبى
    نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىلەن تەڭ دېگۈدەك بولۇپ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنىڭ تەلتۆكۈس ئۈزۈلمەسلىكى تۈپەيلى گۆدەك بالىلارنىڭمۇ رەھىمسىز ئەيدىزنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كېتىشى بىزنى چۆچۈتىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئەيدىزدىن ئوڭاي يۇقۇملىن
  • ئەخمەتجان دوكتور: ئۇيغۇرلاردىكى يېڭى خۇراپاتقا تەنقىدئەخمەتجان دوكتور: ئۇيغۇرلاردىكى يېڭى خۇراپاتقا تەنقىد
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزدە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش، ھەتتا دوختۇر بۇيرۇغان دورا ۋە داۋالاشنى تەرك ئېتىپ، داۋانى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئىزدەيدىغان يېڭى خۇراپات باش كۆتۈردى. ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانىنىڭ بۇ سانىدا، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ئابدۇرېشىت غوپۇر بىلەن ياپونىيە توكيو تېببىي پەنلەر ئۇنى
  • تېببىي ئىكسىر-ئەلداۋا ئەيدىز پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىتېببىي ئىكسىر-ئەلداۋا ئەيدىز پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى
    29-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلداۋا شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ تېببىي ئىكسىر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان 2-نۆۋەتلىك تېببىي ئىكسىر-ئەلداۋا ئەيدىز بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى 3-دېكابىر كەچتە تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. تۆۋەندە، بۇ نۆۋەتلىك پائالىيەتنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىم ئەلداۋا س
  • زۇكام بولغاندا ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇش زادى توغرىمۇ؟زۇكام بولغاندا ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇش زادى توغرىمۇ؟
    قىش پەسىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ زۇكامدىغان ھامان ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇش توغرىمۇ؟ يۆتەل بىلەن زىققىنىڭ پەرقلەندۈرۈشنى بىلەمسىز؟ زىققا بىمارلىرى نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانىنىڭ بۇ سانىدا، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ئابدۇرېشىت غوپۇر بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق د
  • دوكتور ئابدۇنەبىدىن ياش-ئوتتۇرا ياشلارغا جىددىي سىگنالدوكتور ئابدۇنەبىدىن ياش-ئوتتۇرا ياشلارغا جىددىي سىگنال
    ئەتراپىمىزدا ئاۋۇپ قېلىۋاتقان ياش-ئوتتۇرا ياشلاردىكى تۇيۇقسىز ئۆلۈم ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ خىل تۇيۇقسىز ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانىنىڭ بۇ سانىدا، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ئابدۇرېشىت غوپۇر بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى 1