ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ساغلاملىقتىكى 8 چوڭ پەرقى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: سۇمرۇغ تورى | ۋاقتى: 2011/10/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: رەيھانگۈل ئىمام | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

تۇرمۇشتا، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوخشىمىغان قىزىقىشى، مىجەز-خۇلقى، ياخشى كۆرىدىغان كىنو تۈرلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ئوخشىمىغان تەم سەزگۈسى… قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىكى ئوخشاشماسلىقلىرى بىلەن مەڭگۈ دۇنيانىڭ ئىككى قۇتۇبىدا ياشاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ پەرقى پەقەت بۇلارلا ئەمەس. يېڭى زىنلاندىيە «قامۇسلار تىزىملىكى تورى» دىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەيلى سالامەتلىك ئەھۋالى، قېرىش سۈرئىتى، ئەڭ ياخشى تۇغۇت يېشى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولسۇن ۋە ياكى ئاغرىقلارغا بولغان سېزىمى جەھەتتىن بولسۇن، ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوتتۇرسىدا ناھايىتى زور ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت ئىكەن. بۇ تەتقىقات ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى تۇنجى قېتىم ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن چىقىپ   ئىسپاتلاپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ساقلىقنى ساقلاش يۆنىلىشى ۋە ئۇسۇلىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى يېتەكچىلىك رولى بار ئىكەن.


1. ئاياللارنىڭ ئالتە چوڭ سىسىتېمىسى تولىمۇ ئاجىز بولىدۇ
ئەرلەر ۋە ئاياللار كۆكرەك قىسمى ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى جەھەتلەردىلا پەرقلىنىپ قالماستىن بەلكى يەنە يۈرەك، مېڭە، ئاشقازان-ئۈچەي، تېرە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى جەھەتتىنمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى «جىنسىي پەرق»  تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى، دوكتور مارىئان.رېكات ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ نۇرغۇن كېسەللەردىكى ئىپادىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر