خۇشپۇراق بولاي دېسىڭىز

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ھاياتلىق گېزىتى | ۋاقتى: 2011/08/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: گۈلەمبەر شىرئېلى | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 05 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ياز پەسلىدە، چاچ، قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلار خانىم-قىزلارنى تەڭسىقلىقتا قويىدىغان «غەيرىي پۇراق مەنبەسى» دۇر. ئەمەلىيەتتە، بەدەن پۇرىقىمۇ بارماق ئىزىغا ئوخشاش، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ. بەدىنىڭىزدىن ھەر ۋاقىت خۇشپۇراق تارىلىپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، تۆۋەندىكى چارىلەرنى سىناپ كۆرۈڭ:
1. قولتۇقتىكى تۈكلەرنى تازىلاپ تۇرغاندا، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەركىزىي تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بېيجىڭ جوڭيى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرى جاڭ ساڭ «ھاياتلىق گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: قولتۇق تۈكلىرىنىڭ ئاساسلىق رولى قولتۇق تېرىسىنى ئاسراش بولۇپ، تېرىنىڭ سۈركىلىپ زەخمىلىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تازىلاش قېتىم سانى زىيادە كۆپ بولماسلىقى، تازىلاشقا توغرا كەلگەندە، ئاۋۋال قايچىدا كېسىپ، ئاندىن ئەستايىدىل تازىلاش لازىم. پاكىز تازىلاشقا دىققەت قىلىش، قالدۇق تۈكلەرنىڭ تېرىگە سانچىلىپ زەخمىلەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تازىلاپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا نەملىك ساقلاش مېيى سۈركەش، ئۇپا قاتارلىق پاراشوكسىمان بويۇملارنى ئىشلەتمەسلىك، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ  قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

2. تەر توختىتىش رولىغا ئىگە خۇشپۇراق بويۇملارنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدېرى جۇ شۆسوۋ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇ خىلدىكى بويۇملار تەركىبىدە ئاليۇمىن ۋە ئىسپىرت قاتارلىق ماددىلار بولۇپ مىكروب يوقىتىش رولىغا ئىگە، يەنە خۇشپۇراق ماددىلار قوشۇلغان بولۇپ، مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە تەر توختىتىپ، غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش رولىغا ئىگە. بۇ خىل بويۇملارنى بويۇن، پۇت ئالقىنى، تىزنىڭ ئارقا تەرىپى قاتارلىق ئاسان تەرلەيدىغان ئورۇنلارغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بىراق پۈتۈن بەدەنگە پۈركىمەسلىك، تەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بەدەن تېمپىراتۇرىسى تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئۇندىن باشقا پۇت-قوللارنى چاي ياكى يالپۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تۇرغاندىمۇ تەر توختىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

3. ئەۋرەتنى سۈزۈك سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش، تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاش لازىم.
يازدا كۆكرەك، دۈمبە، قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا ماينىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى كۆپەيگەچكە، يۇيۇنۇش سويۇقلۇقىنى كۆپرەك ئىشلەتكەن ياخشى. يۇيۇنۇش سويۇقلۇقىنى بەدەنگە سۈرتۈپ ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ئۇۋۋۇلىغاندىن كېيىن سۈزۈك سۇدا پاكىز چايقىۋەتسىڭىزلا كۇپايە. ئۇندىن باشقا ئەۋرەتنى دائىم سۈزۈك سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش، ئىچ كىيىمنىڭ قۇرغاق، پاكىزلىقىنى ساقلاش لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر