49 خىل داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇمىدىن زەھەرلىك ماددىلار بايقالدى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: سوخۇ تورى | ۋاقتى: 2012/02/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 كانادا 49 خىل داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇمىدا، يەنى چىيەنبى ئوۋلەييا ئۇپپا تېگى سۇيۇقلىقى ۋە ئوۋلەييا كىرپىك لاكىدا ئارسېن،كادمىي،بېرىللىي قاتارلىق كۆپ خىل زەھەرلىك تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بايقىدى، زەھەرلىك چىيەنبى ئولەييا (倩碧欧莱雅) «يوقلىما» قىلىندى.
«ئەنگىلىيە پوچتا گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە كۆرە، گىرىم بۇيۇملىرىدا ئېغىر مىتاللار تەركىبى خېلى يۇقىرى ئىكەن ، ئەمما كانادانىڭ بىر تۈرلۈك 49 خىل داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ، بارلىق گىرىم بۇيۇملىرىدا دىگۈدەك «يۇشۇرۇن» ئارسىن، كادمىي،قوغۇشۇن،سىماب قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بار.
ئۇنىڭ ئىچىدە چىيەنبى ماركىلىق (倩碧) ئۇپپا تەگلىك سۇيۇقلۇقى ۋە ئوۋلەييا (欧莱雅)نىڭ بىر تۈرلۈك كىرپىك لاكى «تىلغا ئېلىنغان»بۇلۇپ، ئارسېن،بېرىللىي،كادمىي قاتارلىق 6 خىل زەھەرلىك ماددا بارلىقى بايقالغان.


بۈگۈن ئەتىگەندە، چىيەنبى (倩碧CILNQUE)   قارىمىدىكى ياشىلەندەي (ESTEE LAUDER) شېركىتى  «قانۇنچىلىق گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئىپادە بىلدۈرۈپ: « خەۋەردە دىيىلگەن بۇ خىل چىيەنبى مەھسۇلاتى جۇڭگودا بازارغا سېلىنمىغان. جۇڭگودا سېتىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشى ۋە تەستىقىدىن ئۆتىدۇ»،-دىگەن.
دوكلات
چىيەنبى ئوۋلەييا مەھسۇلاتلىرىدا 6 خىل زەھەرلىك ماددا بار دەپ ئاشكارىلاندى

كانادا مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ بىر پارچە «گىرىم بۇيۇملىرىدا يۇشۇرۇنغان ئېغىر مىتاللارنىڭ خەۋپى» ناملىق دوكلاتىدا، چىيەنبى ماركىلىقنىڭ ئۇپپا تېگى سۇيۇقلىقى ۋە ئوۋلەييا كىرپىك لاكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 49 خىل داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇمى تەكشۈرۈلگەن بۇلۇپ،. تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى مۇشۇ گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدىن ئارسېن، كادمىي، قوغۇشۇن، سىماب، بېرىللىي، نېكىل، تاللىي ۋە سېلېندىن ئىبارەت 8 خىل زەھەرلىك ماددىنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە، ئارقىدىكى 4 تۈرلۈك ماددا كانادا چەكلەنگەن.
نەتىجىدە كۆرسىتىلىشچە، ، ھەربىر تەكشۈرۈلگەن گىرىم بۇيۇمىدا قوغۇشۇندىن باشقا 7 خىل زەھەرلىك ماددا بايقالغان. ئۇنىڭ ئىچىدە چىيەنبى (clic-ique) ماينى كونتىرول قىلغۇچى ئۇپپا سۇيۇقلىقىدا ئارسېن،بېرىللىي، كادمىي،نېكىل،قوغۇشۇن ۋە تاللېيدىن ئىبارەت 6 تۈرلۈك زەھەرلىك ماددا بايقالغان، يەنە بىر داڭلىق گىرىم بۇيۇمى ماركىسى ئوۋلەييانىڭ كىرپىك لاكىدىنمۇ چىيەنبى ماركىسىدىكىگە ئوخشاش 6 خىل زەھەرلىك ماددا بايقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا « نىقابلىق قىز» ماركىسى ( cover Girl)نىڭ كۆڭۈلدىكى كۆز سىزىقى قەلىمىدە بېرىللىي، كادمىي، نېكىل ۋە قوغۇشۇن بايقالغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر