
1. تۇزنى كىچىككىنە سۇدا ئېرىتىپ تازا شاكىراپ قىلىمىز، ئاندىن يۈزىمىزگە تەكشى سۈرىمىز، بىراز تۇرغۇزۇپ، قۇرىغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىمىز.
رولى: بىر تەرەپتىن تېرىدىكى ئۆلۈك تېرە ھۈجەيرىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تېرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا خۇنۇك، تېگىدىن قارىداپ قالغان تېرىنى ئاقارتىش رولى بار.
يەنە بىر تەرەپتىن تۇز دانىچىلىرى كىچىك بولغاچ، تەر تۆشۈكچىلىرى ئىچىگە كىرىۋالغان چاڭ-توزان ۋە تېرىنىڭ چىقىرىندىلىرىنى پاكىز تازىلايدۇ.
بۇ ئۇسۇلنى ھەپتىسىگە ئىككى قېتىمدىن جىق قوللانماڭ، بولمىسا تېرە زەخىم يەپ قالىدۇ. تېرىڭىزدە جاراھەت بولسىمۇ قوللانماڭ.
2. يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن، ياكى ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، تېرىنى پاكىز يۇيىدىغان يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۈزنى پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، بىر پىيالىگە كىچىككىنە باناننى ئېزىپ، ئۈستىگە كىچىككىنە سۈت قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە چاپىمىز، 15 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋېتىمىز.
رولى: تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ. ئاياللار ياشقا چوڭايغانچە قورۇقتىن قېلىشمايدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ بىرى تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدۇر.
3. ئاخشىمى سۇنى كۆپ ئىچىپ سالدىڭىز، ئەتىگەندە تۇرسىڭىز كۆزىڭىزنىڭ چۆرىسى ئىششىپ، قارىداپ مۈشۈكئېيىق چىراي بولۇپ قالدىڭىز. چارىسى بەك ئاددى: باناننى ئېزىپ كۆزىڭىزنىڭ ئەتراپىڭىزغا تازا پاتلاپ سۈرۈپ بېرىڭ، 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىڭ.
باناننىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان كالىي ئېلمىنتى تېرىنىڭ ئاستىدىكى سۇنى سۈمۈرۈپ ئىششىقنى يوقىتىدۇ.
4. بازاردىن ئەرزان نەملىك ساقلاش مېيىدىن بىرنى سېتىۋېلىڭ، مەسىلەن 美加净 دېگەندەك. (ئەرزان مايدىن مۇشۇ ئېسىمدىكەن. يەنە يېڭى چىققانلىرىمۇ باردۇ بەلكىم) قول، پۇتىڭىزنى پاكىزە يۇيۇڭ، تاپان تەرىپىڭىزدە ئۆلۈك تېرىلەر يىغىلىپ قېتىشىۋالغان بولسا ئۇنىمۇ پاكىز قىرىپ چىقىرىۋېتىڭ. ئاندىن قولىڭىزغا، پۇتىڭىزغا ئاۋۇ ماينى تازا راۋۇرۇس پاتلاپ سۈرۈپ پاختا پەلەي، پاختا پايپاق كىيىپ ئۇخلاپ قېلىڭ. ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا قول-پۇتىڭىزنىڭ تېرىسىنىڭ ئىنتايىن يۇمران ۋە پارقىراق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : قىزلار تەگسە بولمايدىغان 9 خىل ئەر
- كېيىنكىسى : گىرىم قىلىشمۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
دېۋەڭلىك دېگەن نېمە؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : دېۋەڭلىك دېگىنىمىز، بىر مەزگىل نورمال سەۋىيەگە يەتكەن ئەقلىي فۇنكسىيەنىڭ مېڭىدە توسۇلۇشلار سەۋەبىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆرۈلىدىغان كېسە
سۈت بېزى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ راكقا ئۆزگىرىپ قېلىشىدىكى مەسىلىلەر ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : سۈت بېزى ئۆسۈش كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىپ سۈت بېزى راكىغا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى سۈت بېزى ئۆسۈش يەككە ھال
سۈت بېزى قانداق ئۆسۈپ قالىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشى سۈت بېزى ئۆسۈش يامان تەرەپكە يۈزلىنىپ قالسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالغىلى بولىدىغ
دائىم ئۇپا سۈركىگەندە تېرە خۇنۈكلىشىپ كېتەمدۇ؟ ئەلداۋا خانىم-قىزلار ساغلاملىق يېتەكچىسى: بەزىلەر، دائىم ئۇپا ئىشلەتكەندە زىيانلىق تەركىبلەر، ھەرخىل پىگمېنتلارنىڭ چۆكمىسى تېرىنى بارغانسېرى خۇنۈكلەشتۈرۈۋېتىدۇ،
سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ 4 مۇھىم كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكى ئەلداۋادىن خانىم-قىزلار بىلىشكە تېگىشلىك تېببىي ساۋات: بۇ كېسەللىك 50 ~ 30 ياشقىچە بولغان ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە 30 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى ئۆس
