ھەيز مەزگىلىدە ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى | ۋاقتى: 2012/04/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 05 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: يۈكسەل | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ھەيز مەزگىلى ئاياللارنىڭ بىر ئالاھىدە مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئالاھىدە بولىدۇ. شۇڭا ، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك:

سوغۇق،  خام يېمەكلىكلەر: ئاساسلىقى جۇڭگو تېبابىتىدە دېيىلىۋاتقان تەبىئىيىتى سوغۇق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، نەشپۈت، بانان، بىجىك قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەرنى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەش رولى بار. ئادەتتىكى ۋاقىتتا ئىستېمال قىلسا پايدىلىق، لېكىن ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئىستېمال قىلماسلىقى ياكى ئازراق ئىستېمال قىلىشى لازىم. بولمىسا، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز نورمال بولماسلىقتەك كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.


 
 


ئاچچىق–چۈچۈك يېمەكلىكلەر: مەسىلەن، مۇچ، دارچېن، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇر، قارىمۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەم خۇرۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە قورۇما قورۇغاندا ئازراق قىزىلمۇچ قوشىۋەتسە، قورۇمىنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. لېكىن ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار بۇنداق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېسە، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز مىقدارى بەك كۆپ بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلىكلەر: سۇ ياڭىقى، قاپاق ھۈررىكى، تەكىيە كاۋا، جۇڭگو گۈل كاپۇستىسى، توشقان گۆشى، قارا مور.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر