قىزلارنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرى قايسىلار؟

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/10/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
 
 
قىزلار بىلەن ئوغۇللارنى جىنسىي جەھەتتە پەرقلەندۈرۈشنىڭ بەلگىسى. بىرلەمچى جىنسىي ئالامەت دېگىنىمىزدە، جىنسىي ئەزا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ بىرلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرى ئوخشاشمىغاندىن  باشقا، بەدەن قۇرۇلۇشىدا كۆپ پەرق بولمايدۇ. بالاغەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، قىزلاردا ئوغۇللارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىشلەمچى ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرى ئەمچەك، جىنسىي تۈك،  قولتۇق تۈكى ۋە بەدەن شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(1) ئەمچەك. قىزلار بالاغەت دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن دەسلەپتە كۆكسى تولۇق پۇلتىيىپ چىقىدۇ. بۇ، ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامىتىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسىدۇر.
(2) جىنسىي تۈك ۋە قولتۇق تۈكى. قىزلار ئون ئۈچ ياشلارغا كىرگەندىن كېيىن جىنسىي تۈك چىقىشقا باشلايدۇ. قولتۇق تۈكى جىنسىي تۈكتىن بىر يىل كېيىن چىقىدۇ. بۇ تۈكلەر دەسلەپتە چىققاندا شالاڭ، يۇمشاق بولىدۇ. چىقىش دائىرىسىمۇ تار بولىدۇ،  كېيىن بارا - بارا قويۇقلىشىدۇ، يىرىكلىشىدۇ، چىقىش دائىرىسى كېڭىيىدۇ، جىنسىي تۈك دوۋسۇن سۆڭىكى بىرىكمىسىگە كېڭىيىپ، ئۆرۈلمە ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە تارقىلىدۇ، دوۋسۇن دۆڭىدە ئەڭ قېنىق بولىدۇ؛ قولتۇق تۈكى قولتۇق ئويمانچىسى مەركىزىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بەزى قىزلارنىڭ قولتۇق تۈكى بىلەن جىنسىي تۈكى باشتىن - ئاخىر شالاڭ بولىدۇ.  بۇ نورمال ئەھۋال.
(3) بەدەن شەكلى. بالاغەتكە يەتكەن قىزلارنىڭ مۈرىسى، كۆكرىكى ۋە ساغرىسىدا ماي كۆپ بولغاچقا، بەدىنى سىلىقلىشىپ، فىگۇرىسى  كۆركەملىشىدۇ. قىزلارنىڭ سۆڭىكى كىچىكرەك، كۆكرىكى قىسقا، ئەمما كەڭ، داس سۆڭىكى چوڭراق بولىدۇ. بۇ، تۇغۇتقا پايدىلىق. قىزلارنىڭ بويى ئوغۇللارنىڭكىدىن پاكارراق، تەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك كېلىدۇ. رايونلۇق ھورمۇنى تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، چاچنى زىچلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر