ئىشخانىدىكى مۇھەببەتتىن ھەزەر ئەيلەڭ...

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق | ۋاقتى: 2012/05/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 03 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ھازىرغىچە، ياپونىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نۇرغۇنلىغان كارخانا-ئورگانلار ئىشخانىدىكىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇھەببەتلىشىشىنى ئېنىق چەكلىگەن بولۇپ، ئىشداشلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت «ئەخلاقسىز مۇھەببەت» دەپ قارالغان.

ئەمما، دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولىشىچە، جۇڭگودا ئىشخانىدىكىلەر بىلەن نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتلىشىش، ئاشنا-ئاداش بولۇش ئەھۋالى داۋاملىق ئەۋج ئېلىش يۈزلىنىشىدە ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نىكاھتىن سىرتقى مۇھەببەتلىشىشلەرنىڭ %90-80 تى ئىشخانىدىن باشلانغان ئىكەن.  QQ توپى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىمۇ 4 ئۆلۈش تورداش ئۆزىنىڭ ئىشداشلىرىغا نىسبەتەن كۆڭۈل مايىللىقى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
 
ئىشخانىدىكى مۇھەببەتنىڭ 2 چوڭ ئالاھىدىلىكى
 
يۇقىرىقى تەكشۈرۈشلەردىن ئانالىز قىلىنىشىچە، نىكاھتىن تاشقىرى بولغان ئىشخانىدىكى مۇھەببەتنىڭ مۇنداق 2 تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن:
بىرىنچى، ئىشداشلار ئارىسىدا نىكاھتىن سىرتقى مۇھەببەتلىشىش سادىر بولۇشتىن ئاۋۋال مەلۇم بىر تەرەپ ياكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-خوتونلۇق مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق ھېسىيات يارىسى ياكى ناچار كەيپىيات بولمايدىكەن.
ئىككىنچى، دەسلەپ باشلانغاندا قارشى تەرەپ بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئىستىكى ئانچە روشەن بولمايدىكەن. بەلكى بىر-بىرىگە بولغان ياخشى تەسىراتلار ئاستا-ئاستا يىغىلىپ، سەللا دىققەت قىلىنمىسا قېلىپتىن چىقىپ، تۇيۇپ-تۇيماي مۇھەببەتلىشىپ قالىدىغان ئىش چىقىدىكەن.
 
 
بۇلاردىن باشقا، خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشى، ئىشخانىدا بىرگە بولۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن، خىزمەت جەريانىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلار ئادەتتىكى ئىشداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ نىكاھتىن سىرتقى ئاشنا-ئاداشلىق مۇناسىۋەتكە ئۆزگۈرۈپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن ئىكەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا يەنە، ئىشخانىدىكى بۇ خىل بىنورمال مۇھەببەتنىڭ نۇرغۇنلىغان بەختلىك ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ، ئىجىل-ئىناق ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىگە بىۋاسىتە سەۋەبچى بولىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىشخانىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خاتا ئەمەس، ئەمما نىكاھ سىرتىدىكى ھەر قانداق مۇھەببەت دۇرۇس مۇناسىۋەت ئەمەس. بۇ خىل ناتوغرا قىلمىشنى پۈتكۈل جەمئىيەت ئەيىپلەيدۇ، ئەلۋەتتە.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى يۇقىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تولۇق ماس كېلىدۇ، دەپ قارىمىسىمۇ، ئەمما، ئەتراپىمىزدا شۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى تورداشلارنىڭ سەمىگە سېلىش بىلەن بىرگە ئەر-ئاياللارنىڭ مۇقەددەس دىنىي قاراشلىرىمىز، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق مىزانلىرىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، بەخىتلىك ئائىلىسىنى، ھالال ۋە گۈزەل بولغان نىكاھ تۇرمۇشىنى قوغداپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر