ئۈچ خىل ئايال بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىگە ئوڭاي گىرىپتار بولىدىكەن

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانغىنى يوق . لېكىن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ، ھورمۇننىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى . ئۇنىڭدىن باشقا ، تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئايالنىڭ بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ :

1. ھامىلدار بولماي ، مۇددەتتىن بۇرۇن كىلىماكترىيە دەۋرىگە قەدەم قويغان ئاياللار
بۇ خىلدىكى ئاياللار ئانىلىق ھورمۇن نورمال قوغدىنىشقا ئېرىشەلمەي ، تايىنىش خاراكتېرلىك بىر قىسىم كېسەللىكلىرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى شۇ تۈردىكى كېسەللىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .
2. جىنسىي مۇناسىۋىتى قالايمىقان ئاياللار
جىنسىي مۇناسىۋەت قالايمىقان بولغاندا ، بەدەن ئاجىزلاش قاتارلىق بىر قىسىم كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشقاندا ، ھورمۇننىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن ، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
3. دائىم قايغۇرۇپ يۈرىدىغان ئاياللار
ئوتتۇرا ياش ئاياللاردا خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن قايغۇرۇش ، غەمكىن يۈرۈش قاتارلىق كەيپىياتلار شەكىللىنىدۇ ، بۇ خىل ھالەت بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر