قىزلار ئۇزاق مەزگىل بويتاق يۈرسە مۇنداق بولىدىكەن

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

قىزلار ئۇزاق مەزگىل بويتاق يۈرسە، تۆۋەندىكىدەك پىسخىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ:


1. روھىي بېسىمى ئارتىپ، ئاسانلا بىئارام بولۇش، ھەسرەت چېكىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بويتاق قىزلار تۇرمۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە، بولۇپمۇ كەسپىي رىقابەت كۈچلۈك بولغاچقا، كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن، ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئارتۇق ۋاقىت، زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسان بىئارام بولۇش، ھەسرەت چېكىش، تەشۋىشلىنىش، ئېغىر بولغاندا، باشقا بىنورمال ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2. تەنھا ياشاش، كىشىلەرگە ئارىلاشماسلىق. بويتاق قىزلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرىنىڭ توي ئىشىنى سوراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھېيت-بايرام، ئارام كۈنلىرىمۇ دوستلىرى بىلەن بىللە تاماق يېيىش ھەم سورۇنلارغا بېرىشتىن قاچىدىغان، يالغۇز يۈرۈشنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇزاق داۋاملاشسا، يالغۇزلۇق، كىشىلەرگە ئارىلاشماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
3. ئاسانلا ئۆزىنى كەمسىتىش. كەسىپ ۋە مۇھەببەتتە ئۇتۇق قازىنىش قىزلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختىنىدىغان ئىشى. دوستلىرىنىڭ بەختىنى تاپقانلىقىنى كۆرگەن ھەر قانداق بىر قىز ئۆزىدىن گۇمانلىنىدىغان، ھېچقانداق بىر ئىش قولىدىن كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر