سۈت بېزى راكى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سۈت بېزى راكى ( ئەمچەك راكى ) دۇنيا مىقياسىدا ئاياللاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر. بۇ كېسەللىك ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان بارلىق ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ %24 ىنى ئىگىلەيدۇ. غەرب ئەللىرىدە، ئەگەر ئاياللارنى 75 ياش ئۆمۈر كۆردى دېسەك، ھەر 10 نەپەر ئايالنىڭ ئىچىدە بىرى دېگۈدەك سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، يەر شارىدا يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ ئايال سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، ياۋروپادا يىلىغا يېڭىدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللەرنىڭ سانى 500 مىڭغا يېتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، ئامېرىكىنىڭ ستاتىستىكىسىدا، سۈت بېزى راكى ئاياللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدە ئىككىنچى ئورۇندا ( بىرىنچى ئورۇندا ئۆپكە راكى تۇرىدۇ ) تۇرىدىغان كېسەللىك، دەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغاچقا، ھەر يىلى يەر شارىدىكى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە بولىدۇ. مەمەلىكىتىمىزنىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئاياللاردا پەيدا بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بەختكە يارىشا سۈت بېزى راكىنى قانچە بالدۇر داۋالىسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر