سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۇنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپا قاتارلىق تەرەققي تاپقان ئەللەر دۇنيا بويىچە سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى جايلار ھېسابلىنىدۇ. گەرچە سۈت بېزى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يەر شارىدا يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان بولسىمۇ، تەرەققىي تاپقان ئەللەردە سۈت بېزى راكىنى تەكشۈرۈش مېخانىزملىرى قۇرۇلغاچقا، كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتىدۇ ياكى تۇراقلىق بولۇۋاتىدۇ، ھەتتا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.
جۇڭگو قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە سۈت بېزى راكىنىڭ يۈز بېرىش نىسىبىتى بىرئاز تۆۋەن بولسىمۇ، ھازىر ئۆرلەۋاتىدۇ. مەملىكىتىمىزدە سۈت بېزى راكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئۆرلىمەكتە. ئەڭ يېڭى ستاتىستىكا ماتېرىيالىغا قارىغاندا، شاڭخەي شەھىرىدە ھەر يىلى 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە 49 نەپىرى سۈت بېزى راكى ئىكەن ( مەملىكىتىمىزدىكى سۈت بېزى راكىنىڭ شەھەرلەردە پەيدا بولۇش نىسبىتى ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 45 نەپىرى بولغان ) ھەمدە يىلىغا %4 ~ %3 تېزلىك بىلەن ئېشىۋېتىپتۇ، ئۆلۈش نىسبىتىمۇ %3 ئېشىۋېتىپتۇ. سۈت بېزى راكىنىڭ چوڭ شەھەرلەر، دېڭىز بويىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، ئېشىش سۈرئىتى تېز بولۇپ، يېزىلار، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان رايونلاردا پەيدا بولۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك ئىكەن.
سۈت بېزى راكى ياشقا قاراپ پەرقلىنىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەللەردە، 50 ياشتىن ئاشقاندا پەيدا بولىدۇ، ھەمدە ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. مەملىكىتىمىزدە غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكىدىن 10 ياش بۇرۇن پەيدا بولىدۇ، 45 ياشتىن 54 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، بۇنىڭدىن باشقا، 65 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە بىر يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ، يېقىنقى يىللاردا، يەنىمۇ ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر