سۈت بېزى راكىنى داۋالاش ھامىلىدار بولۇش توغرىسىدا

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سۈت بېزى راكىنى داۋالاش مەزگىلىدە ھامىلىدار بولۇش ئېنىقكى ئاقىلانىك ئەمەس. ھامىلىدار بولۇپ كۆزى يورۇشتىن بالا ئېمىتىشكىچە، ئاياللارنىڭ تېنىدىكى گورموندا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، قاندىكى ئانىلىق گورمونلار كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، ئوتتۇرا مەزگىلىدە تۆۋەنلەيدۇ، ئاخىرقى مەزگىلىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە سۈت كەلتۈرگۈچى ماددىنىڭ مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. بۇ گورمونلارنىڭ ئۆزگىرىشى سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھازىر سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ داۋالانغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدار بولماسلىقىنى ۋە بالا ئېمىتمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىمىز.
ھامىلىدار بولۇش سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتەمدۇ-يوق، بۇ توغرىدا ھازىرغىچە ئېنىق بىر تەتقىقات نەتىجىسى يوق، لېكىن بەزى تەتقىقاتلارغا، دەسلەپكى باسقۇچتىكى، كېسەللىكنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدىغان سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار يەنە ھامىلىدار بولسا ئۇنىڭ ئۆمۈرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈت بېزى راكى پەيدا بولۇش ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، بۇ ياش بىمارلار ئىچىدىكى قىسمەتلەرنىڭ توي قىلىش ياكى تۇغۇشنى ئارزۇ قىلىشى پۈتۈنلەي نورمال ئەھۋال. ئەگەر ھامىلدار بولۇ ئارزۇيىڭىز بولسا، مەخسۇس سۈت بېزى كېسەللىكلىرى دوختۇرىدىن مەسلىھەت ئېلىڭ، كۆپ ساندىكى سۈت بېزى راكى ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا قوزغىلىدۇ ۋە يۆتكىلىدۇ، ھېچبولمىغاندا مۇشۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىڭ. دەسلەپلى باسقۇچتىكى، خەتىرى تۆۋەن بىمارلار، ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن بەدىنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ، قايتا قوزغىلىش، كۆچۈش ئىزنالىرى كۆرۈلمىسە، ھامىلىدار بولۇشنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ. خەۋپى يۇقىرى بىمارلار بەش يىلدىن ئارتۇق كۆزىتىپ، ئاندىن ھامىلىدار بولۇشنى ئويلاشسا بولىدۇ. تۇغقاندىن كېيىن بىر تەرەپتىكى ئەمچەك بىلەن بالا ئېمىتسە بولىدۇ.
زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، ئەگەر راك كېسىلىنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن بېسىمى بەك چوڭ بولسا، بەلكىم تۇغۇشنى ئويلىماسلىقىڭىزنى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، تۇغقۇڭىز بولسا، ئېھتىمال يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ سىزگە ئەھمىيىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى ئۇ ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشىدۇر.
سۈت بېزى ئۆسۈپ قالغانلاردا پەقەت سۈت بېزى ئۆسمىسى ياكى راك بولۇشنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى، توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈش ھەرگىز تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، ئەكسىچە سۈت بېزى ئۆسۈشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بالا چۈشۈپ كەتسە سۈت بېزى ئۆسۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر