ئاياللارنىڭ تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىدىكى بېشارەتلەر   

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 تۇغماسلىقنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلىرى بولۇپ، مەسىلە ئەر تەرەپتىمۇ، ئايال تەرەپتىمۇ بولۇشى مۇمكىن، تۇغما سەۋەبتىن بولۇشىمۇ، كېيىن پەيدا بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئاياللار تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ئاۋۋالقى بىشارەتلەرگە دىققەت قىلسىلا، كەلگۈسىدە ئەپسۇسلىنىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلىمىنىڭ مۇتەخەسسىسى، كاندىدات مۇدىر ۋىراچى لى لېيدىن ئىگىلىشىچە، ئاياللار تۆۋەندىكى بەش خىل ئەھۋال ئارقىلىقمۇ تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئالدىن بىلەلەيدىكەن.

 1.بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنىنىڭ توغرا بولماسلىقى. ئەگەر ئاياللار ئۆزىدە بىنورمال قان كېلىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، تۈز ئۈچەي ياكى مەقەتنىڭ دەۋرىيلىك ھالدا چىڭقىلىپ ئاغرىشى، بەل قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورنىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلسا بولىدىكەن.

 2.بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تۇبېركۇليوزىغا گىرىپتار بولغان بولسا. بۇ كېسەللىكنىڭ ئەسلىي مەنبەسى ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ياكى قورساق تۇبېركۇليوزى بولۇپ، تۇبېركۇليوز باكتېريەسى ئاۋۋال تۇخۇم نەيچىسىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۇنىڭدىن بالىياتقۇ ئىچىنى يۇقۇملاندۇرغاندىن كېيىن، بىماردا ئېغىر كىسەللىك ئالامىتى پەيدا قىلىدىكەن.

 3. كۆپ قېتىم بالا ئالدۇرۋەتكەن بولسا. 

4. بىنورمال سىمىزلىك. بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر ئايال كىشىدە ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ئاسانلا سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەھۋال ئېغىرلاشقانسىرى نورمال تۇخۇم چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىقى ئەھۋاللار دەل تۇغماسلىقنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قىزلار كىچىك چېغىدىن باشلاپ سوغۇقتىن ساقلىنىشى شەخسى تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، سالامەتلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر