ئوتتۇز ياشلىق ئاياللار نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش. چۈنكى ئاياللارنىڭ 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خالىغانچە كەسىپ تاللاپ، كەسىپ ئالماشتۇرىشى قىيىن بولىدۇ.


2. ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىش. مەيلى سىز سىرتتا قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراڭ، يەنىلا ئۆزىڭىزنى سىغدۇرالىغۇدەك بىر ئىللىق ماكان بولۇشى كېرەك.
3. تېرىنى ياخشى ئاسراش كېرەك. يىللار ئادەمگە باقمايدۇ. ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بالدۇر باشلاش كېرەك.
4. ئۆزىنى ياساشقا ماھىر بولۇش كېرەك. ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆزىنى ياساش ماھارىتىنى ئىگىلەش 30 ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
5. ئۆزىگە خاس خاراكتىر يېتىلدۈرۈش. باشقىلارنى دورىماي، ئۆزىنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن ئىش قىلىش كېرەك.
6. تەنھا ياشاشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش كېرەك. ياشلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ۋاقىتتىن بەھىرىلىنش، كۆپ پىكىر قىلىش، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىش.
7. ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنۈنۈش. ئاتا - ئانىلار بارغانسىرى قېرىيدۇ. 30 ياشقا كىرگەن ئاياللار ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىشتىن سىرت، ئاتا-ئانىسىغا كۆپرەك كۆيۈنۈشى ھەم ئۇلارنى دائىم يوقلاپ تۇرۇشى كېرەك.
8. نىشان بەلگىلەش ھەمدە نىشاننى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن، شۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
9. بىر خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش. 30 ياش ئانچە چوڭ ھېسابلانمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا چەت ئەل تىلىنى كۆپرەك ئۆگىنىش تۇرمۇش ۋە كەسىپكە پايدىلىق.
10. بىلىم ئاشۇرۇش. 30 ياشتىن بۇرۇن ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى يوقىرى بولىدۇ. شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇش كېرەك.
11. ئاشپەزلىك ماھارىتىنى ئىگىلەڭ. ئەگەر جورىڭىز بولسا مەززىلىك تاماقلار بىلەن ئۇنىڭ سىزگە بولغان غەمخورلىقىنى قايتۇرۇڭ. ناۋادا يالغۇز بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى تاماقلىنىپ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.
12. چاچ پاسونى بىلەن گىرىم قىلىش جەھەتتە كۆپرەك ئىزدىنىش كېرەك. 30 ياشتىن ئىلگىرى چېچىڭىزنى قانداق پاسوندا ياساتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما يېشىڭىز چوڭايغاندا ئويلىنىپ ئىش قىلمىسىڭىز كۈلكىگە قالىسىز.
13. بانكىدا مۇقىم مەبلىغىڭىز بولۇشى كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش، توي قىلىش، جىددىي ئىشى چىقىپ قالغاندا ئىشلىتىدىغانغا مۇقىم مەبلەغ بولۇشى كېرەك.
14. بىر پارچە گىرىمسىز رەسىمگە چۈشۈپ قويۇش. ياش چوڭايغانسېرى ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ، ئخىتىيارسىزلا گىرىمنى قېنىق قىلىۋالىدۇ. بەدەن زىلۋا، فىگورا چىرايلىق ۋاقىتتا بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ قويۇش ناھايىتى مۇھىم. بەللەر يوغىناپ، تېرىلەر بوشاپ كەتكەندە كېچىككەن بولىسىز.
15. مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش. ئائىلىنىڭ ئۆزى بىر كىچىك شىركەت، چىقىم بىلەن كىرىم ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتنى بالدۇرراق ئۆگىنىۋېلىڭ.
16. ئاغزىغا پۇختا بولۇش. 30 ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى كۆپىيىدۇ. بۇ تەرەپتىن قاتتىق دىققەت قىلىڭ. چۈنكى ئەرلەر كوت-كوت ئاياللاردىن بىزار.
17. ساۋاقداش ۋە دوستلار ئارا يىغىلىشلارغا كۆپرەك قاتنىشىڭ. 30 ياشتىن ئىلگىرى ئائىلە تېخى مۇستەھكەم يىلتىز تارتمىغان بولىدۇ. بۇ چاغدا دوسىتلۇق ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن كۆپرەك بەھرىمەن بولۇش كېرەك.
18.ھەم ئەسلىمىنى ئۇنۇتماسلىق ھەم زامانغا ماسلىشىپ تۇرۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى پەزىلەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئائىلە كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇش كېرەك.
19. ئۆزىدە بىر خىل ھەۋەس يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ، بىر خىل ھەۋەسنى يېتىلدۈرۈش ناھايىتى ئاسان. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇقسا ئۆزىنى ئەركىن تۇتالايدۇ.
20. بالا تەربىيەلەش بىلىملىرىدىن ساۋاتى بولۇش. بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا كىتاب ۋاراقلىسىڭىز كېچىككەن بولىسىز.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر