سۈت بېزى راكىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

گەرچە سۈت بېزى راكىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېسىلىدىغان جاي چوڭراق بولسىمۇ، تاماق يېيىشكە تەسىر كۆرسەتمىگەچكە ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشى ئاشقازان، ئۈچەي ئوپېراتسىيىلىرىگە قارىغاندا تېز بولىدۇ. لېكىن، بەزى بىمارلاردا يەنىلا بەزى كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.


1. يارا ئېغىزى يۇقۇملىنىش نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، يارا ئېغىزىلا بولىدىكەن، يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولىدۇ.
لېكىن، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن يارا ئېغىزى داۋاملىق يۇقۇملىنىۋەرمەيدۇ، ئادەتتە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىپ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياز كۈنلىرى تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇپ، ئوڭاي تەر چىقىدۇ، كۆكرەك ۋە قولتۇقتىن ئاسان تەر چىققاچقا يارا ئېغىزى يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.
2.تېرە ئاستىغا سۇ يىغىلىپ قېلىش ئوپېراتسىيىدىن كېيىن تېرە بىلەن كۆكرەك دىۋارى ساقىيىپ كېتەلمەي تېرە ئاستىغا سۇ يىغىلىپ قالىدۇ. تېرە ئاستىدىكى ماينىڭ ئېرىشى، لىمفا يولىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىپ قېلىشى، سۇيۇقلۇق ھەيدىگۈچى نەيچىنىڭ بالدۇر ئېلىۋېتىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن تېرە ئاستىغا سۇ يىغىلىپ قالىدۇ. بۇنداق كېسەللىك ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزمەيدۇ، ئادەتتە يىڭنە بىلەن سۇيۇقلۇقنى تارتىۋېتىش، سۇيۇقلۇقنى سىرتقا ماڭدۇرۇش، چىڭ تېڭىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقايمىسا كېيىنكى قەدەمدىكى داۋالاشلارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. تېرە پارچىسى ئۆلۈش تېرە پارچىسىدا قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن بېسىلىشنىڭ تەكشى بولماسلىقى ياكى يارا ئېغىزىنى كېسىش لايىھىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن، يارا ئېغىزىغا يېقىن جايدىكى تېرە پارچىسى ئۆلىدۇ، كىچىك دائىرىلىكلىرى قاقاچ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدۇ. دائىرىسى چوڭراق بولغانلارنىڭ قاقىچىنى ئېلىۋېتىپ تېرە كۆچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، يەنى ئۆلگەن تېرە قاقىچىنى ئېلىۋېتىپ، بىمارنىڭ باشقا يېرى ( يوتىنىڭ ئىچى تەرىپى ياكى ئوپېراتسىيە قىلىنمىغان تەرەپنىڭ تۆۋەنكى كۆكرىكى قاتارلىق نىسپىي يوشۇرۇن ئورۇنلاردىن ) دىن قىسمەن تېرىنى كېسىۋېلىپ يارىغا كۆچۈرۈلىدۇ، تېرە كېسىۋالغان ئورۇن ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.
4. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن قول سۇلۇق ئىششىشئوپېراتسىيىدىن كېيىن قولغان سۇ يىغىلىپ قېلىش قولتۇق تازىلىۋېتىلگەندىن كېيىن كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، پەيدا بولۇش نىسبىتى %30 ~ %20، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن قولتۇق ياكى ئوقۇرەك سۆڭىكىنى رادىئوئاكتىپ نۇردا داۋالاتقانلاردا پەيدا بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
قولغا سۇ يىغىلىپ قېلىش ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ۋېنانىڭ قايتىش ئېقىنى راۋان بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىپادىسى-قول بارماقلىرى ئىششىپ قالىدۇ، ماساژ قىلىش، يەنى ئۇۋۇلاش، ئىششىغان قولنى ئېگىز كۆتۈرۈش ۋە ۋېنانىڭ قايتىش ئېقىنىنى راۋانلاشتۇرىغان دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تەدرىجىي ئىششىقنى ياندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئالۋىنور، ئاوسۇكۇۋىن فورتې، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش دورىسى قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، لىمفا قايتىش ئېقىنىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قول تېلىپ ئىششىيدۇ، ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، سۇلۇق ئىششىق چىڭ بولىدۇ، بۇ « رېزىنكە ئىششىق » مۇ دېيىلىدۇ، ھازىرچە بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك دورا يوق، كېسىلى ئېغىرلارغا ئوقۇرەك سۆڭەكتىكى لىمفا نەيچىلىرى بىلەن لىمفا تومۇرىنى تۇتاشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسىنى قىلىشقا بولىدۇ.

قىسمەن بىمارلارغا مۇئەييەن ئۈنۈمى بولىدۇ. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن قولغا سۇ يىغىلىش ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ: بىرىنچى دەرىجىدە، جەينەكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ؛ ئىككىنچى دەرىجىدە، جەينەكنىڭ يۇقىرى تەرىپى بىلەن بىلەكنىڭ ئالدى تەرىپىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ؛ ئۈچىنچى دەرىجىدە، قولنىڭ ھەممىسىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ.
ئوپېراتسىيىدىن كېيىن قولغا سۇ يىغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى مۇنداق: ئوپېراتسىيە قىلىنغان تەرەپتىكى قولدىن قان بېسىمنى ئۆلچىمەسلىك، قان ئالماسلىق، ئوكۇل ئۇرماسلىق، سۇيۇقلۇق ماڭدۇرماسلىق، شۇ قولدا ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىك  كېرەك، تېرىن زەخىملەندۈرۈپ قويماسلىق، پاشىغا چاقتۇرۇپ، پاكىز تۇتۇش، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدىغان مايلارنى سۈرۈپ تۇرۇش؛ قولنى بوغۇپ تۇرىدىغان، مەسىلەن، سائەت، ئۈزۈك، بىلەنزۈكلەرنى تاقىماسلىق، كېچىدە ئاغرىغان قولنىڭ ئاستىغا نەرسە قىستۇرۇپ ئېگىز قىلىپ يېتىش كېرەك. يەنە ئۆزىمىزنىڭ قولى بىلەن مۈرىمىزنى ئۇۋۇلاپ بەرسەك بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر