قەھۋە، بالاياتقۇ راكىغا دۇچار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

قەھۋەنىڭ بالىياتقۇ راكى خەۋپىنى ئازايتىش رولىنى ئويناش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسى، ھەر كۈنى 4 ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قەھۋە ئىستىمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا مۇبتىلا بولۇش خەۋپىنىڭ، ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە بىر ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز قەھۋە ئىچىدىغانلارغا قارىغاندا تۆتتىن بىر ئاز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


67 مىڭغا يېقىن ئامېرىكىلىق ئىشتىراك قىلغان تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئېدۋارد گىئوۋاننۇكى، قەھۋەنىڭ ئىنسۇلىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ۋە بەدەندە ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئەركىن ئانىلىق گورمونىنى ئازايتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ، ئىنسۇلىن سەۋىيەسىدىكى ئېشىش ۋە ئانىلىق گورمونىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئەھۋالىغا ئۇزۇن مۇددەت دۇچار بولۇشنىڭ بالىياتقۇ راكىغا مۇپتىلا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
قەھۋە ئىستىمال قىلىشنىڭ مەزكۇر خەۋپنى ئازايتىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى، لېكىن بۇلارنىڭ ھېلىھەم تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مۇتەخەسسىسلەر، بولۇپمۇ قەھۋە ئەكسى تەسىر كۆرسىتىدىغانلارنىڭ قەھۋە ئىستىمالىنى ئاشۇرۇشىنىڭ تەۋسىيە قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قەھۋە ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارنىڭ بۇ ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، راك كېسىلىگە دۇچار بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلىنىشى كېرەك بولغان ئەڭ مۇھىم تەدبىرنىڭ، مۇۋازىنەتلىك ئۇزۇقلىنىش ۋە كۆپلەپ چېنىقىش ئىكەنلىكىنىمۇ خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر