ماۋۇ قىزلار مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولىدۇ| دەپ قويۇڭلار دىققەت قىلسۇن

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ھاكاۋۇر قىزلار: بۇنداق قىزلار ھەممە يەردە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ قارشى تەرەپنىڭ مەۋجۇتلىقىغا سەل قارايدۇ. نەتىجىدە، يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.
ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرمەيدىغان قىزلار: گۈزەللىككە ئىنتىلش _ ئىنساننىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى. رەتلىك، پاكىزە كىيىنىش ئىنساننىڭ ئۆزىنى سۆيۈش، ئۆزىنى قەدىرلەش روھىنىڭ نامايەندىسى. يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز سۆيگىنىنىڭ باشقىلاردىن چىرايلىق، نازاكەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ خىل شەرتنى ھازىرلىيالمىغان قىزلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.

مۇكەممەللىككە ھەددىدىن تاشقىرى ئېسىلىۋالىدىغان قىزلار: بۇخىل قىزلار يىگىتلەرگە »نۇقسانسىز بۇلۇش»تەلىپى بۇيىچە مۇئامىلە قىلىپ، بىرسىنى ئۇنداق، بىرسىنى مۇنداق دەپ ئالدى بىلەن يىگىتلەرنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرىدۇ ۋە ئاخىر ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ.
ھەددىدىن تاشقىرى ھېسسىياتچان، خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان ياكى ئۆز بېشىمچى قىزلار: خەلقىمىز ئارىسىدا  «ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ» دەيدىغان ماقال بار. يىگىتلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا مەلۇم ئارىلىق ساقلىمايدىغان ھېسسىياتچان قىزلار يىگىتلەر ئالدىدا ئاسانلا ئۆز قىممىتىنى يوقۇتۇپ قۇيىدۇ. ئاق كۆڭۈللۈك مۇلايىملىقمۇ بىر خىل گۈزەللىك. قىزلارغا خاس مۇلايىملىقنى يوقاتقان، ھە دېسىلا يىگىتلەر بىلەن تاكاللىشىپ قالىدىغان قىزلارمۇ ئاسانلا باشقىلارنى بىزار قىلىپ قۇيىدۇ .
ھەددىدىن ئارتۇق تارتىنچاق قىزلار: بۇنداق قىزلار تارتىنچاقلىقنى چەكتىن ئاشۇرۋېتىپ، باشقىلارغا ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قۇيىدۇ.
مۇستەقىل تۇرمۇش قارىشىنى يىتىلدۈرمىگەن قىزلار: مۇستەقىل ئىرادە_ تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. بىر قىسىم قىزلار تۇرمۇشقا »بېقىندىلىق« كۆز قارىشى بۇيىچە مۇئامىلە قىلىپ، ھەمىشە يىگىتلەرنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. بىرەر مەسىلىگە يولۇقسا ئوبيېكتىپ ئەھۋالغا قارىتا مۇستەقىل ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيالمايدۇ. بۇخىل قىزلارمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر