يازدا ئۇپىنىڭ رەڭگىنى تاللىغاندا ...

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 بىر قىسىم خانىم-قىزلار ئۇپىنىڭ داغنى يۇشۇرۇش ۋە ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، گىرىمنىڭ تەبئىي بولۇش-بولماسلىقىنىڭ ئۇپىنىڭ رەڭگى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.


ئادەتتە يازدا يۈزگە سۈرىدىغان ئۇپىنىڭ رەڭگى قىشنىڭكىدىن سەل قېنىق بولۇشى كېرەك. كۆز ۋە قىشتا ئىشلىتىدىغان ئۇپىنى يازدا ئىشلەتكەندە، ياز تېرىسىنى ئاپئاق تاتىراڭغۇ كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئاۋۋال يۈزىڭىزگە سىناق قىلىڭ مۇۋاپىق ئۇپا تاللاشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈش، ئەمما ئۇپىنى بىلەك، قولغا سۈرۈپ كۆرۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئورۇنلاردىكى تېرىنىڭ رەڭگى بىلەن يۈز تېرىسىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى مەڭىز سۆڭىكىدىن ئىڭەككىچە بولغان ئارىلىققا ئۈچ خىل رەڭلىك ئۇپىنى سۈرۈپ سىناپ بېقىش كېرەك. رەڭ يەنە بېكىتىلمىگەندە ئۇپىنى پېشانىگە سۈرۈپ كۆرۈپ باقسىمۇ بولىدۇ. ماس كېلىدىغان ئۇپىنى تەڭشەپ ئىشلىتىش ئادەتتە يازدا ئۇپا تاللاشتا قىشتا ئىشلىتىدىغان ئۇپىدىن بىر دەرىجە قېنىق رەڭدىكىنى تاللاش كېرەك. مۇۋاپىق رەڭدىكى ئۇپىنى تاپالمىغاندا، تېرىسىگە ماس كېلىدىغان رەڭدىكى ئىككى خىل رەڭلىك ئۇپىنى تەڭشەپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ھال رەڭلىك ئۇپا ماس كەلمەيدۇ ھال رەڭلىك ئۇپا يۈزى بەك ئاقلارغا مەس كەلمەيدۇ. ئەگەر گىرىمىمىز تەبىئىي بولسۇن دەيدىكەنمىز، سەل سېرىقراق رەڭدىكى ئۇپىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ھال رەڭلىك ئۇپا سۈرگەندە تېرىنى ياخشى كۆرسىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېرىدىكى نۇقسانلار چېنىپلا قالىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر