ئاياللار قان تولۇقلاشتا «تۆت قىزىل»دىن ئايرىلماسلىقى كېرەك

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

قىزىل پۇرچاق:

قىزىل پۇرچاق تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمىنتلار مول. بولۇپمۇ تۆمۈر بىلەن ۋىتامىن B12 نىڭ قان تولۇقلاش ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بولۇپ، ئادەت كېلىش ۋاقتى ئۇزۇن، ھەيز كۆپ كۆپ كېلىدىغان ئاياللار كۆپرەك ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇتلۇق ئاياللار قىزىل پۇرچاقنى كۆپ يېسە، سۈت كەلتۈرىدۇ.


يەر ياڭىقى(خۇاسىڭ):
يەر ياڭىقى تەركىبىدە ئاقسىل، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، قۇۋۋەت تولۇقلاش، قان كۆپەيتىش، قان توختىتىش قاتارلىق رولى بار. بولۇپمۇ، يەر ياڭىقىنىڭ پوستى بەدەندىكى قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ تەركىبى ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈپ، قان ئازلىقنى داۋالاش رولى بار. يەر ياڭىقى پوستى تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا ۋىتامىنB1، , ۋىتامىنB2، ۋىتامىن E بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

چىلان:
چىلان ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ، يېڭى چىلان تەركىبىدە ۋىتامىن C ھەمدە كالتسىي، تۆمۈر مول بولۇپ، دائىم يېسە، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنى يېنىكلىتىدۇ.

قارا شېكەر:
قارا شېكەر قاننى جانلاندۇرۇپ، سوغۇقنى تارقىتىدۇ، قاننى كۆپەيتىپ، قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ. جۇڭگو تېبابىتى رېتسېپلىرىدا قارا شېكەر ئەڭ ياخشى دورىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 60 گىرام قارا شېكەر، 6 گىرام چىلانغا 15 گىرام زەنجىۋىل قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچسە، ئادەت قالايمىقانلىشىش، ھەيز توختاپ قېلىش قاتارلىق ئاياللار كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر