دانىخورەكتىن قالغان ئىزنى يوقىتىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. ۋىتامىن E بىلەن مەرۋايىت تالقىنى ئارقىلىق يوقىتىش.
ئاۋۋال بازاردىن بىر قاپ ۋىتامىن E بىلەن بىر قۇتا مەرۋايىت تالقىنى سېتىۋالىسىز يۈزنى پاكىزە يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن يىڭنىدەك نەرسە بىلەن بىر تال ۋىتامىن E كۇمىلىچىنى تېشىپ، ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىۋالىمىز، مەرۋايىت تالقىنىدىن كىچىك قوشۇقتا بىر قوشۇق ئېلىپ، تەييارلىۋالغان ۋىتامىن سۇيۇقلۇقىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىمىز. ئاندىن تەييار بولغان مەلھەمنى دانىخورەكتىن قالغان ئىز بار جايغا سۈرتۈپ، يېنىك ئۇۋۇلاپ بىرىمىز، ئىشلەتكەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز، بىر ھەپتە ئىشلەتسىڭىز پۈتۈنلەي يوقايدۇ.

2. زەنجىۋىل ئارقىلىق يوقىتىش
يېڭى زەنجىۋىلنى پاكىزە يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن پىچاقتا تەكشى، نېپىز توغرىۋېلىپ، ئىز ياكى تاتۇق قالغان جايغا چاپلاپ 20 مىنۇتتىن كىيىن ئېلىۋېتىپ، يۈزنى پاكىزە يۇيىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر