ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەزگىل30 - 39 ياش

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 30 ياشتا ئاياللاردىكى كۆكسى كېسەللىرى ئاساسەن ياخشى سۈپەتلىك (راكقا تېخى ئايلىنىپ بولالمىغان) بولىدۇ. بىراق، ياش ئاياللارنىڭ كۆكسى تالالىق خالتىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، يەنى كۆكسى ئاغرىش، خالتىلىق ئىششىق، راكنى شەكىللەندۈرگۈچى مونەك پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئارىزونا ساقلىقنى ساقلاش ئىلمى مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كلىنىكا مېدىتسىناسى بويىچە ياردەمچى پىروفېسسورى لېئون. دوننېي دوكتور مۇنداق دېدى: «كۆكسى ئاغرىقى دەۋرىيلىككە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ھەيز دەۋرىگە ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ ۋە سىجىل ئاغرىيدۇ». كۆكسى ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ ئورېگون شىتاتى ساقلىقنى ساقلاش ئىلمى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، ئورېگون شىتاتى راك كېسەللىكى جەمئىيىتى كۆكسى ساغلاملىق تەربىيەسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ئېلىزابېت. ستېن دوكتور ئاياللارنىڭ «كوففېئىندىن يىراق تۇرۇشى»نى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئاياللارنىڭ كۆكسى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتكەندە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ كۆكسى تالاسى ئۆسمىسىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەك. كۆكسىنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەڭ ئاياللار تۇغۇتلۇق مەزگىلىدە بالا ئېمىتسە كۆكسى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بالا ئېمىتكەندە كۆكسى توقۇلمىلىرى كىچىكلىمەيدىكەن، ئەكسىچە كۆكسى كۆپۈپ، كۆكسى تېرىسى كېڭىيىدىكەن. كۆكسى كىچىكلىگەندىن كېيىن، بوشىشىپ كەتكەن تېرىلەر كۆكسىنى ساڭگىلىغاندەك كۆرسىتىپ قويىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆسن تۈزەش تاشقى بۆلۈمى ئىلمىي جەمئىيىتى 2007 - يىلى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كىيگەن لىپتىكنىڭ بەك چوڭ بولۇشى، كۆپ ھامىلىدار بولۇش، تاماكا چېكىش، ياشنىڭ چوڭىيىشى قاتارلىق ئامىللار كۆكسىنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كۆكسىدىكى تالا باغ يەنى كۆكسى ئاسما سىڭىرىنىڭ سوزۇلۇشىمۇ كۆكسىنىڭ ساڭگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. كۆكسىدە مۇسكۇل بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭ ساڭگىلىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. بىراق، بەزى دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ئاستا يۈگۈرگەندە ھەرىكەت قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان لىپتىك كىيگەندە ئاسما سىڭىرنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

كۆكسى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ كۆكسى راكى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ئاياللاردا كۆكسى راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 229 دىن 1 نىسبەتتە ئىكەن. 30 ياشتىن 39 ئۇرۇقداشلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىسىلا 30 - 39 ياشلىق ئاياللار كۆكسىنى x نۇرىدا تەكشۈرتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەتتە ياش ئاياللاردىكى كۆكسى راكىنى x نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. 30 - 39 ياشلىق ئاياللار كۆكسىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئاغرىق ئەھۋالىنى دوختۇرغا ئېيتىشى كېرەك. ياش ئاياللارنىڭ كۆكسى ئاغرىسا ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ، بىراق ئۇلاردىمۇ كۆكسى راكى كۆرۈلىدۇ. ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئەمچىكىنى تەكشۈرتۈشى، ھېچ بولمىغاندا ئايدا بىر قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

كېلىماكتېرىيە دەۋرىدە ھەيز توختاپ 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە بولغان ۋاقىت تەكشۈرتۈشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ناھايىتى توغرا بولىدۇ. 40 - 49 ياش 40 ياش مەزگىلىدە كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. دوننېي دوختۇر مۇنداق دېدى: «ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆكسىنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتىمۇ تېز بولىدۇ، كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىن كېيىن ئەمچەك تېخىمۇ تولۇپ، بەز تالالىرى ئازىيىپ، تېخىمۇ ساڭگىلاپ كېتىدۇ». بۇ باسقۇچتا خالتىلىق ئىششىق دائىم كۆرۈلىدىغان كۆكسى مونىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ خالتىلىق ئىششىق ياخشى سۈپەتلىك، لېكىن ئاغرىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىتىش، ئەڭ ياخشىسى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىش كېرەك. تىپى ئېنىق بولمىغان جىنسىي يولنىڭ ئۆسۈپ قېلىشىمۇ بۇ مەزگىلدە كۆرۈلىدۇ، سۈت نەيچىلىرىدىكى بۇ نورمالسىز ھۈجەيرىلەر كۆكسى راكىنىڭ پەيدا بولۇشى نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردىن بۇ مەزگىلدە كۆكسى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 40 - 49 ياشلىق ئاياللاردا كۆكسى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى 68 تىن1 نىسبەتتە بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر