چىش پاستىسى ئارقىلىق بۆلجۈرگەن شەكىللىك بۇرۇندىن خوشلىشىسىز

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

يىراقتىن قارىغاندا تېرىسى ناھايىتى سۈزۈك ھەم ئاق، يېقىنلاشقاندا بۇرۇندىكى قارا پېگمىنت ناھايىتى ئېنق كۆرۈنىدۇ، بۇ سىزدىمۇ كۆرىلىۋاتقان ئەھۋالمۇ؟ بۇ مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىنمۇ كېلىپ چىققان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھازىرقى گۈزەل خانىم -قىزلىرىمىزدا بۇرنى بۆلجۈرگەندەك بولۇپ قالغان ئەھۋال ئېغىر. چىقىرىش تەس بولغاندىن سىرت، كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال خانىم-قىزلىرىمىزنى ناھايىتى بىئارام قىلىۋاتىدۇ.


تۆۋەندە ئەلداۋا تەھرىرى سىزگە ناھەيىتى ئەمەلىيەتچان ۋە ئەرزان بولغان ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قويىدۇ، يەنى تېرىگە ھېچقانداق زىيىنى يوق قارا پىگمىنتنى يوقىتىدىغان ئۇسۇل!

ئۇ بولسىمۇ چىش پاستىسىنى ئىشلىتىش.
ئەگەر سىز گە يەنە ئېنىق بولمىغان بولسا كىرىپ كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ، نۇرغۇن تېرىسى ئاق قىزلار مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. ئۇنداقتا بىرلىكتە چىش پاستىسىنىڭ بۇرۇندىكى قارا پىگمىنتنى يوقىتالايدىغان مۆجىزىنى سىناپ باقايلى:


ئاۋۋال يۈزنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن، ئىسسىق سۇدا ياكى ھوردا ھوردايمىز، بۇنداق بولغاندا تەر تۆشۈكچىسىنى تەبىئىي ھالدا ئاچقىلى بولىدۇ ھەمدە چوڭقۇر ھالدا تەر تۆشۈكچىسىنى پاكىز تازىلاشقا ياردىمى بولىدۇ.
ئەڭ ياخشىسى سامان غول تىپىدىكى چىش پاستىسىنى ئىشلىتىڭ، ئادەتتە رەڭگى ئاپئاق بولىدۇ، بۇ خىل چىش پاستىسىنىڭ تېرىگە بولغان غىدىقلىنىشى ئاز بولىدۇ.
بۇ ئۇسۇلنى كۈندە قىلسىڭىز بولمايدۇ، ھەپتىدە بىر قېتىم بولسىلا يېتەرلىك، چۈنكى بىر قېتىم قارا پىگمىنتنى يۇيۇپ چىقارغاندىن كېيىن، تېرىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى ناھايىتى ئاجىز ۋە نازۇك ھالەتتە بولۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەسلىگە قايتىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر