ئاياللار قايسى مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدۇ؟

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىكەن . بولمىسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن.
ھەيز مەزگىلى ئاياللار ھەيز ئارقىلىق بىر قىسىم تۆمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، پالەك، ئالما، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. چاي تەركىبىدە ٪30- ٪50 تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۈچەيدە ئاسانلا ئوزۇقلۇق بوتقىسىدىكى تۆمۈر ياكى قان تولۇقلاش دورىسىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ ، تاش شەكىللەندۈرۈپ چۆكمە پەيدا قىلىدۇ.


ئىككىقات مەزگىلى قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدىكى كوففېئننىڭ قويۇقلۇقى ٪10گە يېتىدۇ. بۇ ئىككىقات ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋە يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىىپ ، كۆڭلى ئېلىشىشنى كۈچەيتېۋىتىدۇ ھەمدە يۈرەك ، بۆرىكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ ، ئىككىقات مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز .
بوشىنىش مەزگىلى بوشىنىشتىن ئىلگىرى چاينى بەك كۆپ ئىچسە كوففېننىڭ روھلاندۇرۇش رولىنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. ناۋادا بوشىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ يېتەرلىىك بولمىسا ماغدۇرسىزلىنىش ، تولغاق كۈچەيمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تۇغۇتى قىيىنلىشىدۇ .
ئېمىتىش مەزگىلى ئېمىتىش مەزگىلىدە چاينى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇمەزگىلدە چاينى كۆپ ئىچسە، چايدىكى يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى تاننىك كىسلاتاسى شىلىمشىق پەردە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىپ، سۈت بېزىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەپ، سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن سۈت ئارقىلىق بوۋاق تېنىگە كىرىپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ئاياللار تەخمىنەن 45 ياشلار ئەتراپىدا ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدۇ. ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا، يەنە يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش، ئاسان ھاياجانلىنىش، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر چاينى كۆپ ئىچسە، يۇقىرىقى ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بۇ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشكە تېخىمۇ پايدىسىز.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر