كومپيۇتېر رادىياتسىيەسىنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى قانچىلىك 

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشىڭىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان كومپيۇتېردىن چىقىدىغان رادىياتسىيەنىڭ تېنىڭىزگە قانچىلىك زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، كومپيۇتېر ئېكرانىدىن كېلىدىغان رادىياتسىيە بىلەن ماگنىت مەيدانىنىڭ بەدەنگە، بولۇپمۇ ئاياللارغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. 

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا مەشغۇلات قىلىدىغانلاردا، بولۇپمۇ ئاياللاردا كومپيۇتېرنىڭ رادىياتسىيەسى تۈپەيلىدىن يېنىك بولغاندا باش ئاغرىش، بىئارام بولۇش، كۆز قىچىشىش، قۇرغاقلىشىش، تېرە قۇرغاقلىشىش، دانىخورەك پەيدا بولۇش، چاچ چۈشۈش، چاچ ئاقىرىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش ھەم قالقانبەز ھەرىكىتى بىلەن ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.

ئېغىر بولغاندا ئاق قان دانچىلىرى تۆۋەن بولۇش، مېڭىگە قان ۋە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك، ھامىلدار بولۇشىغا تەسىر قىلىش، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر يەڭگىپ قويۇش، بالا غەيرىي تۇغۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى كومپيۇتېر بىلەن مەشغۇل بولمايدىغانلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن.

شۇڭلاشقا، ئاياللار كومپيۇتېر مەشغۇلات ۋاقتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىشى، كومپىيۇتېر رادىياتسىيەسىدىن ساقلىنىش كىيىملىرىنى كىيىۋېلىش، كۆز ۋە تېرىنى رادىياتسىيەدىن ساقلاپ، رادىياتسىيەدىن كېلىدىغان تۈرلۈك كېسەللىك ۋە يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر