شوخلا بىلەن سۈتتە يۈز تېرىسىنى ئاسراش

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/26 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

1. قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئىلمان قايناق سۇغا چىلاپ ئەسلىي ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، سۈيىگە ئازراق زەيتۇن مېيى تېمىتىۋېتىپ يۈزگە چاپلاپ 15 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرىسىنى پارقىراق ھەم يۇمشاق قىلىدۇ .


2. يېرىم پىشقان شوخلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئاۋۋال يۈزىنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قۇرۇتۇپ پاختا بىلەن شوخلا سۈيىنى يۈزگە سۈرتۈپ ئىككى سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرىسىنى قىزىل، پارقىراق ھەم يۇمران قىلىدۇ .
3. ھەر كۈنى كەچتە كالا سۈتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۈزگە سۈركەپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا تەرخەمەك سۈيى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئازراق بۇغداي ئۇنى ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، يۈزگە چېپىپ بىر سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇلدا داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈزدىكى ھەرخىل داغلارنى تەدرىجىي يوق قىلىدۇ ياكى ئازايتىدۇ . 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر