ئاياللار قان ئازلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولسا... 

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئارىمىزدا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ئاز ئەمەس، تېۋىپلار ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بۇ خىل كېسەللىك توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «قان ئازلىق كېسىلى كۆپىنچە ئادەملەرگە ئورتاق بولۇپ قالدى، ناۋادا كېسەللىك ئەھۋالى بەك ئېغىر بولمىسا، كېسەلنى دورا ئەمەس، يېمەكلىككە تايىنىپ داۋالىغان تۈزۈك، يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇنداق: 

قارا پۇرچاق: ناۋادا قان تولۇقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولسا، ئاياللار قارا پۇرچاق بىلەن قارا تۇخۇنى شورپا قىلىپ ئىچسە بولىدۇ؛

 سەۋزە: سەۋزىدە ۋىتامىن B ۋە C ئىنتايىن مول، شۇڭا ئۇنىڭ قان تولۇقلاش ئۈنۈمىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ؛

 ئۇن سېغىزى: بۇ ئۇنىڭ كىراخمالىنى يۇيۇپ چىقىرىۋالغاندىن كېيىن قېپقالىدىغان ئېلاستىك ئاقسىل ماددا، ئۇنىڭ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى ئىنتايىن مول؛ 

يىڭنىسىمان ئوتياش: بۇ خىل كۆكتاتتا تۆمۈر ماددىسى مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە ۋىتامىن C ،B ،A ۋە ئاقسىل مول، قان تولۇقلايدىغان ئېسىل كۆكتات؛ 

ئېۋفورىيە لۇڭيەن قوۋزىقى (龙眼肉): بۇ كۆكتاتتا تۆمۈر ماددىسى ئىنتايىن مول، يەنە ۋىتامىن B ،A، گىلۇكوزا ۋە ساخاروزا قاتارلىق قان تولۇقلاشقا باب ماددىلار بار؛

 تۇرۇپ قېقى: تۇرۇپ قېقىدا تۆمۈر ماددىسى مول، قان تولۇقلاش رولى ئالامەت.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر