كالتسىي كەم ئاياللار بۇ كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

كالتسىي كەم بولسا، سۆڭەك شالاڭلىشىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەمەلىيەتتە، كالتسىي كەم ئاياللارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدۇ.


تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كالتسىي كەملىكتىن دىيابېت كېسىلى پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب:
بىرىنچى، كالتسىي ئەمەلىيەتتە ئىنسۇلىننىڭ «ئاچقۇچ» ى بولۇپ، β ھۈجەيرىلىرى يېتەرلىك كالتىسيغا ئېرىشكەندىلا، ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلايدىكەن. دېمەك كالتسىي كەم بولسا، ئىنسۇلىن تولۇق ئاجرىلىپ چىقىرىلماي، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئېشىپ كېتىدىكەن؛
ئىككىنچى، كالتسىي كەم ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ھەيز كېسىلگەن ياكى تۇغۇتتىن كېيىنكى مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان ھەم ھەرىكىتىمۇ ئازىيىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن.
 بۇنداق ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدىكەن، بۇ خىل ئەھۋاللار دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار، بولۇپمۇ ئاسانلا كالتسىي كەمچىل بولۇپ قالىدىغان تۇغۇتتىن كېيىنكى ياكى كىلىماكتېرىيە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار ئاپتاپقا قاقلىنىشى، پات-پات كالتسىي تولۇقلىشى، دىيابېت كېسىلى پەيدا قىلىدىغان كەيپىيات بىلەن كالتسىي كەملىكتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئامىلنى تۈگىتىش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر