قايسى كەسىپتىكى ئاياللار ئاسان ئەمچەك راكى بولۇپ قالىدۇ؟

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئۆزگىرىپ كەتتى. بولۇپمۇ ياغ ۋە ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بولدى. مۇھىت بۇلغىنىش، كېچىلەپ ئىشلەش، ھاراق-تاماكا قاتارلىقلار سۈت بېزى (ئەمچەك) راكىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىللارغا ئايلاندى. يەنە سىرتقى زەخىممۇ سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. سىرتقى زەخىم قان تومۇرنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇر ھۈجەيرىسى كۆپۈيۈش جەريانىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئۆسمە پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، سۈت بېزى راكى بىمارلىرىنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى، كاتىپ ۋە بوغالتىرلارنىڭ سانى كۆپ ئىكەن. 35 ياشتىن كىچىكلەر سۈت بېزى راكى بىمارلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدىكەن. ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سۈت بېزى راكىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىكەن.
خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى بېسىمىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى سۈت بېزى راكىنىڭ ئاق ياقىلىق ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلۈشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە جۇڭيى تېبابىتىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىكتە پىسخىكا ۋە روھى جەھەتتىكى ئامىللار بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارغا ۋە ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن.
دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئايال ئوقۇتقۇچىلار، كاتىپلار ۋە بوغالتىرلار ئامبۇلاتورىيەدە كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت بېسىمى چوڭ بولۇپ، ئاسان پەرىشان بولىدىكەن. ھەمدە ئۇلاردىكى ئېغىر روھى بېسىم ئىچكى ئاجرىتىشنىڭ قالايمىقان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئاخىرقى يۈرەك سۆزىمىز، خانىم-قىزلار ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، پەقەت سىلەر ساغلام بولساڭلارلا ئوماق بالىلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار، قەدىردان ئەرلەر ساغلام بولغۇسى، ۋەتەن، مىللەت تېخىمۇ يۈكسەلگۈسى!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر