گۆش ۋە ئاياللاردىكى قېرىلىق 

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ھازىر نۇرغۇن ئاياللار گۆشسىز غىزالىنىدۇ. ئەمما ئاياللار تېرىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۇلارنىڭ كۈچ – ماغدۇرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل گۆشتىكى قىزىل قان ئاقسىلى ( گېموگلوبىن )دۇر.

قىزىل قان ئېلېمېنتى (ھېموپروتېئىن) دىكى تۆمۈر ئىئونى ئادەم ئورگانىزىمى ھۈجەيرىلىرىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ، ئەگەر قىزىل قان ئاقسىلى (گېموگلوبىن) نى ياسايدىغان تۆمۈر يېتەرلىك بولمىسا، سىرتقى تېرە يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنەلمەيدۇ، ھۈجەيرە ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، تېرە ياش ھەم جەلپكارلىقىنى يوقىتىدۇ.

شۇنداقلا قان ئازلىق پەيدا بولۇپ تېرە سولغۇن، ئېلاستىكىلىقى ناچار، نۇرسىز بولىدۇ، تېز قېرىپ كېتىدۇ. گۆشسىز غىزالانغۇچىلار تۆمۈردىن باشقا كالتسىي ۋە سنىككىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. كۆكتاتلاردا كالتسىي كۆپ بولسىمۇ كۈندىلىك ئېھتىياجىمىزغا ھەرگىز يەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ كۆكتاتلاردىكى چۆپ كىسلاتاسى بىلەن تاننىك كىسلاتاسى كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا گۆشسىز غىزالانغۇچىلار پۇرچاق ياسالمىلىرى ۋە سۈت ياسالمىلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. 

كۆكتاتلاردا يەنە سىنىك كەم بولغاچقا، گۆشسىز غىزالانغۇچىلاردا ئۇزاق مۇددەت سىنىك كەم بولسا چاچ چۈشۈش، ئىشتىھاسىزلىق، تىرناق چۈرۈكلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا كالا، بېلىق، توخۇ، ئۆردەك گۆشلىرىنى يەپ بېرىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر