ئەتىگەنلىك ناشتىدا سوغۇق يېمەك- ئىچمەكتىن پەرھىز تۇتۇڭ  

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئەتىگەنلىك ناشتا تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى چۈشلۈك ياكى كەچلىك تاماق ئارقىلىق تولۇقلاش ناھايىتى تەس. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ياكى ئەتىگەنلىك ناشتا ياخشى بولماسلىق، بىر كۈنلۈك ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

سەھەردە بەدەندىكى مۇسكۇل، نېرۋا ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسى قىسقىراش ھالىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنغان سوغۇق يېمەك- ئىچمەكلەر بەدەننىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەمنىڭ كېسەلگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ناشتا قىلغاندا، ھەرگىز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر، سوغۇق قەھۋە، مېۋە سۈيى، سۈت قاتارلىقلارنى ئىچمەسلىك لازىم.

ناشتىدا بۇلارنى ئىستېمال قىلغاندا، قىسقا ۋاقىتتا ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلمىغان بىلەن، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۈچى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. ئادەم كېچىدە ئۇخلىغاندا بەدەندىكى سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يوقىتىدىغان بولغاچقا، ئەتىگەندە بەدەن يېرىم سۇسىزلىنىش ھالىتىدە بولىدۇ. شۇڭا، ئەتىگەنلىك ناشتىدا سۇ ۋە ئوزۇقلۇق مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئاشقازاننىڭ سۈمۈرۈش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچىەيتىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر