سۈت بېزى راكىنى رادىئاتسىيىلىك داۋالاشنىڭ ئەكس تەسىرلىرى

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

رادىئاتسىيىلىك نۇر ھۈجەيرىلەرنىڭ  سىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، رادىئاتسىيىلىك نۇر گەرچە ئۆسمىنى داۋالىسىمۇ، يەنە بەدەنگە زىيانمۇ سالىدۇ. ئۇنىڭ ئەكس تەسىرلىرى مۇنۇلار:
1) يىلىكنى تورمۇزلاپ قويىدۇ، ئىپادىسى ئاق قان ھۈجەيرىلەرنى كېمەيتىپ، قان ئازىيىش، قان پلاستىنكىلىرى كېمىيىپ كېتىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
2) جىگەر، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
3) يۈرەك ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
4) رادىئوئاكتىپ نۇر ىاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە تالالىشىپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ.
5) رادىئوئاكتىپ نۇر خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىر بولغانلارنىڭ تېرىسىنى يارا بېسىپ كېتىدۇ.
6) رادىئوئاكتىپ نۇر بېرىلگەن دائىرىدىكى سۆڭەكلەر بوشاپ كېتىدۇ. ھەتتا پاتولوگىيەلىك ئۇستىخان سۇنۇشمۇ بولىدۇ، ئادەتتە رادىئوئاكتىپ نۇرغا ئۇچىرىغان دائىرىدىكى قوۋۇرغا سۇنۇش كۆپ كۆرۈلىدۇ.

مەن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان بىر ياش ئايالنىڭ رادىئاتسىيىلىك داۋالاشتىن كېيىن داۋالىغان تەرەپتىكى قوۋۇرغىسىنىڭ كۆپ قېتىم سۇنغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. ئۇنىڭغا راك ھۈجەيرىلىرى سۆڭەككە كۆچكەن، دەپ خاتا دىئاگنوز قويغىلى تاس قالغانىدۇق. مەزكۇر بىمار دۈم يېتىپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، قوۋۇرغىسى بېسىم تۈپەيلىدىن سۇنۇپ كەتكەن.  

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر