دائىم ئانار يەپ بەرگەندە سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ 

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئامېرىكا ئوئىئو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تاماملىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، ئاياللار دائىم ئانار يەپ بەرسە، سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن ئانارنىڭ راك ھۈجەيرىسىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ئىقتىدارىنى تەتقىق قىلغان. نەتىجدە ئانار تەركىبىدىكى 10 خىل بىرىكمىنىڭ ئاياللىق ھورمۇنى ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. 

ئانار تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، كالتسىي، تۆمۈر، كالىي، يود قاتارلىق ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاروماتىك ئىنزىملارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئاروماتىك ئىنزىمنىڭ مىقدارى تۆۋەنلىگەنسېرى، سۈت بېزى راكى خەتىرى شۇنچە ئازىيىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر