5 خىل ياخشى ئاياللار يولدىشىنى ئۆزىگە بىر ئۆمۈر جەلپ قىلالايدۇ

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: سۇمۇرغ تورى | ۋاقتى: 2011/09/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئىلقۇت | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشى ئاياللارنىڭ ياتلىق بولۇشى ئادەتتىكى ئىش. ئەمما، توي قىلغاندىن كېيىن بەختلىك بولۇش مەسىلىسى ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. شۇڭا، كۆپ ساندىكى ئاياللار دائىم بۇ دۇنيادا ياخشى ئەرلەرنىڭ ئازلىقىدىن ئاغرىنىپلا يۈرۈيدۇ. ئۇنداقتا، ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇپ بېقىڭ، ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ياخشى بىر ئەرنىڭ سىزنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ ئۆتۈشى ھەمدە سىزنىڭمۇ شۇنداق قەدىرلىنىشكە مۇناسىپ ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟

 

ئۇنداقتا، زادى قانداق ئاياللار ئەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ؟ ئەگەر سىز تۆۋەندىكى 5 خىل ئايال تىپىغا كىرسىڭىز، ئىشىنىمىزكى سىز توي قىلغاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر بەختلىك بولالايسىز.

1. ئۆزىنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە يولدىشىنىمۇ قەدىرلەيدىغان ئاياللار
دانالار «بىر ئادەم ئۆزىنى قەدىرلىمىسە باشقىلارنىمۇ قەدىرلىمەيدۇ.» دەپ توغرا ئېيتقان. بىر ئايالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، كۆپ ساندىكى ئاياللار ھەمىشە قارشى تەرەپ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ-يۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، دائىم ئەرلەر تەرىپىدىن يۈزسىزلىككە مۇپتىلا بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئەرلەرنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىشى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاياللار سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەرلەر ماھىيىتىدىن بىر خىل شەھۋەتپەرەس كېلىدۇ. ئۇ سىزگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، كاللىسى يەنە باشقا ئاياللارنى ئويلايدۇ. ئەگەر ئاياللار ئۆزىنى قوغداشنى بىلمىسە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ئەرلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئەقىللىق ئاياللار ئاۋۋال ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىپ ئاندىن قارشى تەرەپنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە دىققەت قىلىش، مانا بۇ ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىشتىكى ئامالنىڭ بىرى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر