ئانا سۈتى دوۋساق راكىنى داۋالايدىغان ياخشى دورا بولۇشى مۇمكىن

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

شىۋېتسىيە تەتقىقاتچىلىرى بىر قېتىملىق تەجرىبىدە تۇيۇقسىز ئانا سۈتىدىكى بىر خىل خىمىيەلىك بىرىكمىنىڭ دوۋساق راكى ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

Lund ئۇنىۋېرسىتېتى ئىممۇنىتېت ئىلمى مۇتەخەسسىسى كاترىنا بىلەن خىزمەتداشلىرى يېڭى ئانا سۈتىنى خام ماتېرىيال قىلىپ باكتىرىيەگە قارشى دورا ياسىماقچى بولدى. كاترىنا ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىگە: «بىر تەجرىبىدە ئادەم ھۈجەيرىسى ۋە باكتىرىيە لازىم بولۇپ قالغان، ئەمەلىي ئىشلىتىش ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئۆسمە ھۈجەيرىسىنى تاللىدۇق، بىزنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئانا سۈتىدىكى بۇ خىل خىمىيەلىك ماددىنى قوشقاندىن كېيىن ئۆسمە ھۈجەيرىسى ئۆلۈپ قالدى. بۇ پۈتۈنلەي تاسادىپىي بايقاش» دېدى.

كاترىنانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىمىيەلىك ماددىنىڭ ئىسمى ئەلفا سۈت ئاق ئاقسىلى بولۇپ، بۇرۇنقىلار «ھاملېت» دەپ ئاتايدىكەن. ئۇ ئاۋۋال ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ پوست قەۋىتىنى چىرىتىپ، ئاندىن يىپسىمان تەنچىسى ۋە ھۈجەيرە يادروسىنى بۇزىدىكەن. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق ئاقسىل ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئۈزەلەيدىكەن ھەم ئۆسمە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆزىنى بۇزۇش تەرتىپىنى قوزغىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇنداق ئاقسىل پەقەت ئۆسمە ھۈجەيرىسىگە تەسىر قىلالايدىغانلىقى، ساغلام ھۈجەيرىلەرنى زىيانغا ئۇچراتمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلار دوۋساق راكى بىمارىغا «ھاملېت»نى ئوكۇل قىلدى، نەچچە كۈندىن كېيىن بىمارنىڭ سۈيدۈكىدىن ئۆلگەن ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى تەكشۈردى. ئۇلار تېخىمۇ كەڭ-كۆلەملىك تەجرىبە ئارقىلىق «ھاملېت»نىڭ ئۈنۈمىنى ئىسپاتلاشنى پىلانلىدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر