ھەيز دەۋرى قالايمىقانلىشىش كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئاياللارنىڭ ھەيز دەۋرى ھەيز كۆرگەن بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئادەتتە 28 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن ياكى يەتتە كۈن كېچىكىپ كېلىشى نورمال ھېسابلىنىدۇ.

ئوخشاش بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئوخشىمىغان ئاياللاردا ھەيز ئارىلىقىنىڭ بىر قانچە كۈن پەرقلىنىشى نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ھەيز دەۋرى قالايمىقانلىشنىڭ ئىپادىسى مۇنۇلار ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەيز توختىماي كېلىش: ھەيز دەۋرى 21 كۈندىن ئاز بولۇش؛

ھەيز ناھايىتى ئاز كېلىش: ھەيز دەۋرى 35 كۈندىن ئېشىپ كېتىش، ھەتتا بىر نەچچە ئايدا بىر قېتىم كېلىش؛

جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش: جىنسىي يولدىن كەلگەن قان قانۇنىيەتلىك بولماسلىق، بۇنداق ئەھۋال ئىككى ھەيز مەزگىل ئارىلىقىدا ياكى توختىماي ئاز-ئاز كېلىپ، ۋاقىت ئارىلىقى بولماسلىق جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بەزى چاغلاردا بىر قانچە ئايدا بىر قېتىم ياكى بىر قانچە ئايدا بىر قانچە قېتىم ھەيز كېلىشى مۇمكىن.

ياش قۇرامى ھەيز قالايمىقانلىشىشقا ھۆكۈم قىلىشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ئامىل ھېسابلىنىدۇ. تۇنجى قېتىم ھەيز كۆرگىلى ئۇزاق بولمىغان ئۆسمۈر قىزلارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسى مۇكەممەل تەرەققىي قىلىپ كېتەلمىگەنلىكتىن، ھەيز كۆرۈش ۋاقتىنى توغرا بولماسلىقى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇپ كېتىشى بىر قەدەر ناچار بولىدۇ، ياشلار ئۆسمۈرلەردىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلۈكىدىن قانۇنىيەتلىك ھەيز كۆرۈشكە ئۆزگىرىدۇ. تۇغۇت يېشىدىكى قىزلارنىڭ جىنسى يولى قالايمىقان قانىسا ئالدى بىلەن ھامىلدارلىق ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش لازىم. بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ كۆپىنچىسى ھەيز كۆپ كېلىش، ھەيز مەزگىلى ئۇزىراپ كېتىش ۋە ھەيز دەۋرى قالايمىقانلىشىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ھامىلدارلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندىن كېيىن، ئىچكى ئاجرالما ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، تۇخۇم ئاجرىتىشنىڭ بىنورمال بولۇشى، ئۆسمە، ئىچكەن دورا، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى مۇشۇ ياش قۇرامىدىكىلەردىن كېيىن ھەيز قالايمىقانلىشىشنىڭ سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. ھەيز كېسىلگەن ئاياللاردا ھەيز ۋاقتىدا قان زىيادە كۆپ كەلسە، بۇ تۇخۇم چىقىرالمىغانلىقى، تۇخۇمنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆسمە جىنسىي يولى قالايمىقانلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىر قىسىم ھەيز كېسىلگەن ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىز ھەيز كۆرۈپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ ئادەتتە ياخشى ئىش ھېسابلانمايدۇ، ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن جىنسىي يولدىن بىنورمال قان كېلىشنىڭ سەۋەبى، ياشانغانلاردىكى جىنسىي يول ياللۇغى ۋە ئۆسمىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەيز قالايمىقانلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولىدۇ. بىز ھەممەيلەننىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:

تۇغۇش ئېھتىمالى بولغان ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن قان كەلسە ھامىلدار بولغانلىقى ئېھتىمالىنى نەزەرگە ئېلىش لازىم. ئون نەچچە ياش ۋە 50 نەچچە ياشلىق قىز-جۇۋانلارنىڭ ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقى يوق ئەمەس.

بىر مۇنچە بىمارلار خاتا ھالدا ھەيز قالايمىقانلىشنىڭ ھەممىسى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىشىدۇ. بەزى دوختۇرلارنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش خاراكتېرىدىكى بالىياتقۇ قاناش دەپ دىياگنوز قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قان فۇنكسىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشى دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەب بولسىمۇ، لېكىن ئالدى بىلەن كېسەل خاراكتېرلىك سەۋەبلەردىن يەنەئۆسمە سەۋەبىدىن قاناشنى نەزەردىن ساقىت قىلىش لازىم.

ھەيزنىڭ قالايمىقانلىشى يالغۇز ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل بەدەندىكى كېسەللىكنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەيز قالايمىقانلاشقان ۋاقىتتا، بەدەننىڭ باشقا جايلىرىنىڭ قانىغان-قانمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. ئەگەر باشقا جايلاردىن قان كەلگەن بولسا، قان سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى نەزەرگە ئېلىشى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر