سۈت بېزىنىڭ خالتىلىق ئۆسۈشىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سۈت بېزىنىڭ خالتىلىق ئۆسۈشىنى ئوپېراتسىيە قىلىشتىكى مەقسەت، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

① كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن گۇمان قىلغان جايدىن ئازراق كېسىۋېلىپ، راك ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلايمىز.

② دورا بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن ئۆسمىگە ئوخشاش كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىمىز.
خالتىلىق ئۆسۈش دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ كېسىلى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە ئەمەس دەپ بېكىتىلگەن بولسا، ئۆسمىنى ياكى سۈت بېزىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش ناھايىتى ئاز قوللىنىلىدۇ، لېكىن قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، تەپسىلىي كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك، ئادەتتە يىلدا ئۈچ-تۆت قېتىم تەكشۈرتسە بولىدۇ.

بۇ كېسەلنى كلىنىكىدا سۈت بېزى راكىدىن ئاسانلىقچە ئايرىۋالغىلى بولمىغاچقا، گۇمانلانغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر، تەكشۈرۈش جەريانىدا كېسەللىك بىرنەچچە ھەپتىلەرگىچە يوقالمىسا ياكى رېنتگېندە ئېلىنغان رەسىمدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە ( مەسىلەن، ئۇششاق كالىتسىيلىشىش ) ۋە ياكى ھۈجەيرە ئىلمىلىك تەكشۈرۈشتە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدىن گۇمان قىلىنغان بىمارلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش كېرەك. جەمەتىدە سۈت بېزى راكى بار بىمارلارنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىش تۈرلىرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشكە بولىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر