كۆكرەك ئاغرىشنىڭ 10خىل ئېھتىماللىقى، ئارىسىدكى بۇ تۆتىنى داۋالاش كېرەك

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

كۆكرەك ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، بەزىلىرى فىزىئولوگىيەلىك تەسىرلەر، يەنە بەزىلىرى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئاغرىيدۇ. بۈگۈن بىز بۇنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى!


بۇ 6خىل ئاغرىش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز
1.كۆكرەكنىڭ ئاستى تەرىپى ئاغرىش: ئىچ كىيىمنى توغرا تاقىيالمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ
كۆكرەكنىڭ ئاستى تەرىپى ئاغرىسا ئىچى كىيىمنىڭ تۆمۈرى ئاغرىتقان بولۇشى مۇمكىن، تەكشۈرۈشلەردىن تۆمۈرى يوق ئىچ كىيىمنى كەيگەندە بۇنداق ئاغرىش ئۆزلۈكىدىن يوقايدىكەن.
2. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يېگەندە ئاياللىق ھورمۇن دورىنى ئېشىپ چۈشسە: بۇ دورىنىڭ خاتالىقى

3. بالاغەتكە يەتكەن دەۋردە ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆكرەك ئېسىلىپ ئاغرىسا بۇ نورمال فىزىئولوگىيەلىك ئەھۋال
4. ھامىلدارلىق مەزگىلدە كۆكرەك ئېسىلىپ ئاغرىسا بوۋاققا ئاشلىق تەييارالىنىۋاتقان بولىدۇ
5.  تۇغۇتتىن كېيىن كۆكرەك ئاغرىسا بالىنى تېزدىن ئەمدۈرۈش كېرەك

تۇغۇتتىن كېيىن كۆكرەك ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۇسۇللار
1. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئاۋۋال كۆكرەكتىكى ئاز بىر قىسىم تۇنجى سۈتنى سىقىپ چىقىرىپ كۆكرەك بېزىگە توسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
2. تۇغۇتتىن كېيىن  بوۋاقنى ئامال بار ۋاقتىدا ئېمىتىش كېرەك
3. ئېمىتىشتىن بۇرۇن كۆكرەككە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىپ بوش ئۇۋۋۇلاپ بېرىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا سۈتنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردىمى بار
ئىككى قېتىملىق ئېمىتىش ئارىلىقىدا سوغۇق ئۆتكۈزۈپ قان تولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
5. بالىغا سۈمۈرۈش تەس كەلگەن چاغدا ئىككى قول بىلەن ياكى سۈت چىقىرىدىغان ئەسۋابلار بىلەن چىقىرىۋېتىش كېرەك.

بۇ 4خىل ئەھۋالدا ئاغرىسا تەكشۈرتۈش كېرەك
1. سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش: 80%تىن يۇقىرى كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاغرىيدۇ
2. سۈت بېزى راكى: پەقەت 4.6%كېسەللەرنىڭ ئاغرىيدۇ

3. سۈت بېزى تالا ئۆسمىسى، سۈت بېزى خالتىلىق ئىششىقى: ھەممىسى ياخشى سۈپەتلىك ئەھۋال قانچە بالدۇر كېسىۋەتسە خاتىرجەم بولىدۇ
4. بويۇن ئومۇرتقىسىدكى كېسەللىكمۇ كۆرەكنى ئاغرىتىدۇ
كۆكرەك ئاغرىشقا توغرا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى
1. كۆكرەك ئاغرىشنىڭ كۆپ قىسمى ھەممىسى ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ، ئەنسىرمەسلىك كېرەك
2. كۆكرەك ئاغرىش ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىمايدۇ
بىرىنچى دەرىجە: قول بىلەن تۇتقاندا ئاغرىق ھېس قىلسا بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز
ئىككىنچى دەرىجە: ھەرىكەت قىلىپ ۋە چېنىققاندا ئاغرىق ھېس قىلسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىپ پەسەيتىش كېرەك.
ئۈچىنچى دەرىجە: جىم تۇرغاندىمۇ ئاغرىسا مەسىلەن كارىۋاتتا ياتقاندىمۇ ئاغرىق ھېس قىلسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش زۆرۈر.
3. ئاغرىش+ئىششىق، چوقۇم دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك
4. كۆكرەك ئاغرىغاندا ئىشلىنىدىغان تەكشۈرۈشلەر
1. سالامەتلىك تەكشۈرۈش، كۆكرەكنى تۇتۇپ تەكشۈرۈش
2. ئاپپاراتتىن تەكشۈرۈش، Xنۇردا تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، رەڭلىك ئاپپارات دېگەندەك. ،ئاياللار بۆلىمىدىمۇ تەكشۈرىلىدۇ.
3. كۆكرەك بېزى ياكى تۇخۇمداندىكى ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىقنى تازىلاپ چىقىرىدۇ.
4. دىئاگنوز مۇقىم بولغاندا ھۈجەيرىلەرنى ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش ياكى پاتولوگىيىلىك تەكشۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش:
كۆكرەك ئاغرىشنى ئازايتىشتا كۈندىلىك دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1. ئىچ كىيىمنىڭ تۆمۈرى يوق تەنھەرىكەت خاراكتېردىكىنى كىيىش، بۇنداق كەيگەندە كۆكرەكنىڭ ئاغرىشىنى پەسەيتىدۇ، بولۇپمۇ ھەيزدىن بۇرۇنقى بىر ھەپتە.
2. تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىش(ھەپتىدە 3قېتىم، ھەر قېتىمدا 30مىنۇتتىن ئارتۇق قىلىش كېرەك)كۆكرەك ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ.
3. ياغ مىقدارى تۆۋەن يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش
4. قەھۋە، چاي، كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئازايتىش كېرەك، تاماكا تاشلاش كېرەك.

 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر