ئاياللار ئۈچۈن مۇھەببەت مۇھىممۇ ياكى جىنسىيەتمۇ؟

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بەزى ئاياللار ئاياللارغا لازىمى مۇھەببەت، ئەرلەرگە لازىمى جىنسىيەت دېگەنگە ئىشىنىدۇ. ئادەتتە، ھاياتنىڭ 2 باسقۇچىدىكى ئاياللاردا بۇنداق تونۇش ئەڭ ئاسان پەيدا بولىدۇ. بىر باسقۇچى، مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغانغاندىن باشلاپ تويدىن بۇرۇنقى مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىگىچە، بۇ چاغدىكى ئاياللار رومانتىك تۈسكە تولغان مەنىۋى مۇھەببەتكە ئەڭ ئاسان چوقۇنىدۇ ۋە ئىنتىلىدۇ، ئەگەر يىگىتنىڭ جىنسىي غەرىزى ياكى مەقسىتى بارلىقىنى بايقاپ قالسا، ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ، ئىززەت-ئابرويىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ھەتتا «بۇ دۇنيادىن كۆڭلى سوۋۇيدۇ». يەنە بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ جىنسىي قاراملىقى ۋە جىنسىي تەشنالىقنىڭ تېگىگە يەتكەندىن كېيىن نومۇس قىلىدۇ ياكى ئۆزىنى پەس كۆرىدۇ، بۇنى ئۆزىنىڭ پاك مۇھەببىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىنتىلگەن رومانتىك مۇھەببىتىنى بۇلغايدۇ دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ توي قىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، بەزى ئاياللار ھەر خىل سەۋەبلەردىن جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلىشالمايدۇ ھەتتا جىنسىي تۇرمۇشتىن زېرىكىدۇ. ئۇلار يەنە جىنسىي تۇرمۇشنى ئارتۇقچە ئىش ئىكەن، يالغۇز مەنلا قۇربان بېرىدىكەنمەن دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئىلگىرىكى ياكى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان رومانتىك مۇھەببەتتىن تېخىمۇ مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ.

بۇ 2 باسقۇچتىكى ئاياللارنىڭ پسىخىكىسى شۇنداق بىر ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگىكى، ئۆزىنىڭ جىنسىيىتى بىلەن مۇھەببىتىنى بىر-بىرىگە زىت ۋە قارىمۇ قارشى دەپ قارايدۇ ھەتتا ئىككىسىگە تەڭ ئېرىشكىلى بولمايدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. بۇنداق تونۇش ئاياللارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولىدۇ، كونكرېت ئىشقا يولۇقمىسا، ئۆزىمۇ ئاسانلىقچە سېزەلمەيدۇ. ئومۇمەن جىنسىيەت بىلەن مۇھەببەتنى بىر-بىرىگە زىت دەپ قارىغان ئاياللار ئادەتتە جىنسىي تۇرمۇشتا مەلۇم دەرىجىدە ماسلىشالماي، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، ئىنتايىن خىيالىي مۇھەببەتنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ. خېلى كۆپ ئاياللار بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي، بۇنداق تەلىپىنى (خاتا ھالدا ئالىيجانابلىق ۋە پاكلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، نەتىجىدە، تويدىن بۇرۇن ياكى تويدىن كېيىن ھېسسىيات كىرىزىسى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغانلىرىدا تېخى تەلۋىدەك مىجەز پەيدا بولۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەيلى فىزىئولوگىيىلىك، پسىخىك ياكى ئىجتىمائىي نۇقتىدىن قارالسۇن، جىنسىيەت بىلەن مۇھەببەتنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىدە ئەر-ئاياللاردا پەرق بولسىمۇ، ئاياللارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىردەك بولىدۇ.

  بىرىنچىدىن، شەخسىينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىدىن قارىغاندا، جىنسىيەت بىلەن مۇھەببەت بىللە پەيدا بولىدۇ ھەمدە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، جىنسىي ئەزالار ۋە ئىچكى ئاجرالما سىستېمىسىدىلا ئۆسۈش ۋە ئۆزگىرىش بولماستىن، چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتىدىكى جىنسىيەتنى تىزگىنلەش رايونى بىلەن ھېسسىياتنى تىزگىنلەش رايونىمۇ تەڭ يېتىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ «بەدەن يېتىلگەندىلا مۇھەببەتنى چۈشىنىسەن» دېگەننىڭ ئاساسى دەل مۇشۇ. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قىزلار پاك مۇھەببەتنى خىيال قىلغاندا، ئادەتتە كونكرېت جىنسىي تۇرمۇش مەنزىرىسى بولمىسىمۇ، نۇرغۇن جىنسىي سىمۋول، جىنسىي بىشارەت ۋە جىنسىي قىمىلداش بولىدۇ؛ ئاياللاردا قانداق ئۇسۇلدىكى جىنسىي روھلىنىش ياكى جىنسىي ھەرىكەت كۆرۈلۈشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ پسىخىك سېزىشچانلىقى ۋە ئۈنۈمى مۇھەببىتىنى قاندۇرۇشتىن تۈپتىن پەرقلەنمەيدۇ. جىنسىي يېتىلىشى ياخشى بولمىغان ئاياللاردا قايناق مۇھەببەتنىڭ بولۇشى تەس، سۆيگۈسى يېتەرلىك بولمىغان ئاياللارنىڭمۇ ئەمەلىي جىنسىي پائالىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلىشى تەس. ئەمەلىيەتتە ئىككىسىنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ئاياللارنىڭ جىنسىي پائالىيەتتە ۋە مۇھەببەتلەشكەندە ئىنتىلىدىغان جىسمانىي ۋە روھىي نىشانىمۇ بىردەك بولىدۇ ھەم بىر-بىرىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىكى جىسمانىي ۋە روھىي كەچۈرمىشلىرى كۆپىنچە قىز چېغىدا پاك مۇھەببەتنى خىيال قىلغاندىكى ئەڭ يۇقىرى مەنزىلنىڭ ئۆزى بولغاچقا، كۆپ ساندىكى ئاياللار تويدىن كېيىن قانۇنىيەتلىك جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بارغانسېرى ئامراق بولىدۇ. گەرچە كۆپ ساندىكى توي قىلمىغان قىزلار مۇھەببەت بولمىسا ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا كىرىشمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، كۆپ ساندىكى خوتۇنلارمۇ جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلىشالمىسا، مۇھەببەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. دەپ قارىشىدۇ. نۇرغۇن ئايال گەرچە جىنسىي تۇرمۇشنى مۇھەببىتى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن باشلىسىمۇ، مۇھەببەتنى كۆڭۈللۈك جىنسىي تۇرمۇشنىڭ تۈرتكىسىدىلا ئۇرغۇتىدىغان ياكى ھېس قىلالايدىغان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس. ئەلۋەتتە، تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنىڭ جىنسىيىتى بىلەن مۇھەببىتى بىر-بىرىگە تۈرتكە بولىدۇ. جىنسىيەت بىلەن مۇھەببەتنى تەڭ ھازىرلىغان خوتۇنلار جەزمەن بەختلىك بولىدۇ دېگىلى بولمىسىمۇ، ئىككىسىدىن بىرى كەم بولغان ئاياللار جەزمەن ئانچە بەختلىك بولالمايدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

  جىنسىيەت بىلەن مۇھەببەتنى زىددىيەتلىك دەپ قارايدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەسىلىنىڭ مەنبەسى ئۇلارنىڭ مۇھەببەتنى زىيادە يۈكسەك ۋە مۇھىم بىلگەنلىكىدە بولماستىن، ئۇلارنىڭ جىنسىيەتنى بەك پەس ۋە ئېتىبارسىز بىلگەنلىكىدۇر. رايونىمىزنىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جىنسىيەت قاتتىق چەكلەنگەن، ئەمما بەلگىلىك دەرىجىدىكى «ئىشق-مۇھەببەت» كە رۇخسەت قىلىنغان بولغاچقا، جىنسىي مەسىلىلەر بىر قەدەر ئاز تىلغا ئېلىنغان، ئاياللارنىڭ جىنسىي ھوقۇقى قاتلىمىغىچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلمىغان. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئاياللار ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن مۇھەببەتنى مۇراجىئەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلدى، لېكىن، ئۇلارنىڭ جىنسىي ھوقۇقىنى تونۇشى ئوخشاشلا يېتىشىپ ماڭالمىدى. بۇنداق مەدەنىيەت خاھىشى جىنسىيەت بىلەن مۇھەببەتنى ئاڭسىز ھالدا ئايرىۋەتتى، خېلى كۆپ مەلۇماتلىق ئاياللار خاتا ھالدا مۇھەببەت مۇتلەق گۈزەل نەرسە، جىنسىي ئالاقە رەزىل ئىش دەپ قارىدى. ئۇلار مۇھەببەتكە بوشاشماي ئىنتىلگەنسېرى ئۆزىدىكى جىنسىي مەۋجۇتلۇقنى ئىختىيارسىز ھالدا پەسلەشتۈردى ۋە باستى.

كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش ياكى غايىۋى جەمئىيەتتە، مۇھەببەتنىڭ ئورنى ۋە رولى ھەر قانچە يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلسىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ، بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى ۋە جىنسىي ھوقۇقىمۇ شۇنىڭغا تەڭ ئورۇنغا كۆتۈرۈلۈشى، بولۇپمۇ بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ جىنسىيەت بىلەن مۇھەببەتنى بىر-بىرىگە تۈرتكە قىلىپ تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج. ئەگەر، پەقەت مۇھەببەت جەھەتتىلا «يەككە تۈردە نەتىجىسى گەۋدىلىك» بولسا، ھەتتا مۇھەببەتتە گەۋدىلىك بولماي تۇرۇپلا جىنسىيەت سۇندۇرۇلسا، ئۆزىنىڭ جىسمى ۋە روھىيىتىدە ئەسلىدىلا بولغان ئىچكى بىرلىكنى ئۆزى بۇزۇپ، ئاسانلا ئۆزىگە ئۆزى خاپىلىق تېپىۋالىدۇ ھەتتا ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ، بۇ يەنە كېلىپ ئېرىشىپ بولغان ياكى ئېرىشىش ئالدىدا تۇرغان مۇھەببەتنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەتتا ۋەيران قىلىدۇ. دەل مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاياللارنىڭ ئۆز جىنسىي ھوقۇقىغا ئىنتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرغانلىقى مۇھەببىتىگە سەل قارىغانلىقى ياكى ئۇنى تۆۋەن كۆرگەنلىكى بولماستىن، ئەكسىچە گۈزەل مۇھەببەتكە ئىنتىلىش يولىدا ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشكەنلىكىدۇر.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر