پەقەت %3 ئايالدىلا بولىدىغان فىگۇرا گۈزەللىكىنىڭ بەلگىسى سىزدە بارمۇ؟

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

زىنىقى بار خانىم-قىزلار ئالاھىدە جەلپكار كېلىدۇ، يۈزدىكى زىناق خانىم-قىزلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ. ئەمما سىز بەلدىمۇ«زىناق» بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل زىناق پەقەت %3 ئايالدىلا بولىدىكەن. بەلدىكى زىناق خانىم-قىزلار بەدەن فىگۇرىسىنىڭ گۈزەللىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، پەقەت گۈزەل قىز-چوكانلاردىلا بۇ خىل بەل زىنىقى بولىمىش...


ئەلداۋا تەھرىرىنىڭ ماتېرىياللاردىن ئىگىلىشىچە، بەلدىكى بۇ زىناق غەربتە «ۋىناس ئويمىنى» دېيىلىدىغان بولۇپ، ئاياللار فىگورىسىنىڭ  گۈزەل، جەلپكار ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تونۇلىدىكەن. كۆپىنچە ئەھۋالدا، ئورۇق-سېمىزلىكى ماسلاشقان، بەدىنى گۈزەل ياش قىزلاردىلا روشەن كۆرگىلى بولىدىكەن. ئېيتىشلارغا كۆرە، پەقەت %3 ئايال كىشىدىلا بۇ خىل «ۋىناس ئويمىنى» بولىمىش...

بەلدىكى بۇ خىل زىناق تېببىي ئىلىمدە «مىكالىس ئويمىنى» دېيىلىدىغان بولۇپ، گېرمانىيە تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرى GustavAdolfMichaelis  ئەڭ دەسلەپ بايقىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن نام بەرگەن. بۇ خىل ئويمان ئەرلەردىمۇ ئاياللاردىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئاياللار-تۇغۇت ئىلمىدە كۆپرەك ئاياللارنىڭ داس بوشلۇقىنىڭ ئورنى، جىنسىي يولنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تۇغۇت يولىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ھۆكۈم قىلىشتىكى ۋاسىتىلىك كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر