زىبۇ-زىننەت ۋە خانىم-قىزلارنىڭ خاراكتېرى | ئالامەت توغرا

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇن -قىزلارنىڭ خاراكتېرى كۈچلۈك، مىجەزى ۋە گېپى ئوچۇق بولىدۇ.
نەپىس زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار خوتۇن-قىزلار ئەركىن تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشنىڭ مول، رەڭدار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. 
قەدىمكى نۇسخىدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇن -قىزلار ئۆتكەن ئىشلارنى تولا ئويلايدۇ، سىر ساقلايدۇ، ئەستايىدىل ئىش بېجىرىدۇ. نەزەر دائىرىسى كەڭ بولىدۇ. 
ئاددىي زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار خوتۇن-قىزلارنىڭ كۆڭلى تۈز كېلىدۇ. 
مەرۋايىت ياكى مەرۋايىتقا ئوخشىشىدىغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار خوتۇن-قىزلار پۇلنى چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ، تەۋەككۈلچىلىكنى ياقتۇرىدۇ. 
ئەرزان باھالىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار خوتۇن-قىزلار يۇمۇرىستىك، ھېسياتقا باي، جۈرئەتلىك كېلىدۇ. 
چوڭ ھالقا ئېسىشنى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇن-قىزلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار چىرايىغا بەك ئىشىنىدۇ. 
كۆكرىكىگە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشنى ياخشى كۆرىدىغانلار خوتۇن-قىزلار رومانتىك كېلىدۇ. 
زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار كۆپىنچە ھاللاردا ئاددىي-ساددا كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاشنى ياقتۇرمايدۇ. 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر