خانىم-قىزلار دىققەت! يازدا بۇ يېمەكلىكلەر تېرىڭىزنى ئاسانلا قارىدىتىۋېتىدۇ

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
كونىلار «ئاقلىق كۆرۈمسىزلىكنى يېپىپ كېتىدۇ» دەپ ئېيتقان، مەيلى كىم بولسۇن تېرىسىنىڭ ئاپئاق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. قەدىمىي جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق دەپ ئېيتىلغان: ئەگەر تېرىڭىزنى ئاق بولۇشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، يېمەك-ئىچمەكنى خىللاشقا دىققەت قىلىش زۆرۈر. پىژغىرىم ياز كۈنلىرى يېتىپ كەلدى. گۈزەللىكنى سۆيگۈچى تەن ئىگىسى تېرىسىنىڭ كۆيۈپ قارىداپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى، ئەگەر قارىداپ كەتمەسلىكنى ئويلىسىڭىز، يېمەك-ئىچمەككە جەزمەن دىققەت قىلىڭ. بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا تېرىڭىز قارىداپ كېتىشى مۇمكىن.
 1. نۇر سېزىمچانلىق كۈچلۈك كۆكتاتلار نۇر سېزىمچانلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تېرىنى ئاسانلا قارىدىتىۋېتىدۇ، چۇنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا مىس، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق مېتال ئېلېمنىتلار بار، بۇ مېتال ئېلېمنىتلار بىۋاستە ياكىۋاستىلىك ھالدا قارا پىگمېنتلارنى ھاسل قىلىدىغان تيروسيىل، تىروزىنازا قاتارلىق ماددىلارنىڭ سانى ۋە ئاكتىپلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، تېرە تېخىمۇ ئوڭايلا ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، تېرە قارىداپ قالىدۇ ياكى داغ ھاسىل بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا تاتلىقياڭيۇ، ياڭيۇ، پالەك، كۈدە، كەرەپشە، يۇمغاقسۈت، ئاق تۇرۇپ، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى ئازئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇ كۆكتاتلار داغ بولۇپ قېلىشقا ئامراق تېرىدە تېخىمۇ ئاسانلا داغ پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە، ئاچچىق ۋە ئالاھىدە پۇراق تارقىتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى نۇر سېزىمچانلىق تۈرىدىكى كۆكتاتلارغا تەۋە.
 2. كۈچلۈك كسىلاتالىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر ۋە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى: تەڭپۇڭلۇق بولسا تەبئىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ ساغلام بولغان ھالەت. يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ساغلام بولغان ئادەم بەدىنىدىكى خىلىتلار ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتتە بولىدۇ، ئادەتتە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر تەڭپۇڭسىز بولسا، قان سۇيۇقلۇقى كىسلاتالىققا مايىل بولۇپ، ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سەۋزە، پالەك، سۆسۈن تۇرۇپ، قىشىلىق موگۇ، قارا قېرىنقۇلاق قاتارلىق كۆكتاتلار داغ بولۇشقا مايىل تېرىدە تېخىمۇ ئاسانلا داغ ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى قان سۇيۇقلۇقنى كىسلاتالىققا مايىل قىلىپ، ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىدە داغ پىگمىنتلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
 3. قېنىق رەڭلىك، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر قېنىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر سۆسۈن گۈرۈچ، قارا پۇرچاق، كۆك پۇرچان، قىزىل سۇ ياڭىقى، قارا كۈنجۈت، ياڭاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىق يېمەكلىكلەردىن قارا سۆڭەكلىك توخۇ، كالا-قوي گۆشى، يىراق شەرق تاشپاقىسى، قېنىق گۆشلۈك بېلىق تۈرى، دېڭىز ئادەمگىياھى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرگە نۇرغۇن كىشىلەر ئامراق، مايدا پىشۇرۇلغان خۇشپۇراق، ئاچچىق، تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن، زىيىنى چوڭ بولىدۇ. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئاسان سەمىرىپ كېتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى ئوكسىدلار تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئەگەر پەقەت چىداپ تۇرالمىغاندا، ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى تەركىبىدە ۋېتامىن E بولغان يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاش ئارقىلىق، تېرنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەسىلەن، چاقما كاۋا، بانان، پالەك، سەۋزە، يىرىك بۇغداي بولكىسى، يەر ياڭىقى، كۈنجۈت، توپانلىق گۈرۈچ قاتارلىقلار. ئەسكەرتىش: سۈت، تۇخۇم، دۇفۇ، بېلىق تۈرىدىكى سۇس راڭلىك يېمەكلىكلەر ئاسانلا قارا رەڭ پىگمېنتىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئىچكى ئەزالارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر